ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە باشلاندى

0:00 / 0:00

ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى 26-ماي كۈنى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە باشلاندى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئورۇنلاش بىلەن باشلانغان بۇ كېڭەشتە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدى بىلەن ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى. ئۇ 20 دەك دۆلەتتىن 70 ئەتراپىدىكى تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن كەلگەن 200 دەك تەشكىلات رەھبەرلىرى، جامائەت ئەرباپلىرى، زىيالىيلار ۋە چەت ئەللىك پارلامېنت ئەزالىرى ھەمدە ئادۋوكلاتلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە بۇ كېڭەشنى ئېچىشتىكى مەقسەت توغرىسىدا توختالدى.

ئاندىن كېيىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە چېخىيە جۇمھۇرىيىتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى يىرجى ئوبەلفالزىر، سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ دىكتاتورى مىلوشېۋىچنى سوتلىغان باش سوتچى، شۇنداقلا «ئۇيغۇر سوت كوللېكگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى جېففرى نايس ئەپەندى، فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى فرېدىرىكا دۇما خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى ئەيمى گۇتمان خانىم، پولشانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئاننا فوتىيگا خانىم، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى يوڭ كىم خانىم، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئەنگىن ئەرئوغلۇ ئەپەندى، پىراگا شەھەر باشلىقى زىدانىك ھىررىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھايدى ھاۋتالا ئەپەندىلەر سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى ۋە ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 26-ماي، ميۇنخېن، گېرمانىيە.

ئارقىدىن كېڭەشنىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى» دېگەن تېمىسىدا مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھاننۇ شىدلا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى جېففرى نايس ئەپەندى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ۋە ئۇيغۇر ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايكىل پولاك ئەپەندى، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مۇئاۋىن باش سوتچىسى نىك ۋىچ ئەپەندى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رالف بۇنچې ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى ھۆكۈم توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مەسئۇلىيەتلەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇلار يەنە كېڭەشكە قاتناشقان ۋەكىللەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بۇ يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر مۇھىم تەكلىپلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز يىغىن توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ۋە سوتچىلار ھەم ئادۋوكاتلار قاتناشقان كېڭەش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتنىڭ تىراگېدىيەسى ئىكەنلىكى ھەققىدە بىردەك تونۇشقا كەلگەنلىكىنى، بۇنى توختىتىشنىڭ ھەمەيلەننىڭ ئىنسانلىق بۇرچى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «يىغىندا ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ باش سوتچىسى جېففرى نايس ئەپەندى، ‹بىز پاكىتلارغا ئاساسەن خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، خىتاي ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقاردۇق. ئەمدى مىللىتىنىڭلارنى قۇتۇلدۇرۇش سىلەرنىڭ بۇرچۇڭلار› دېدى. مېنىڭچە، بۇ ئەڭ مۇھىم بىر چاقىرىق. ئەمدى ئەڭ مۇھىمى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلارغا بۇ ھەقتە قارار ماقۇللىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىم. بۇ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرچىدۇر.»

كانادادىن كېلىپ ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق قانۇن كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ سوتچىلىرى قىلغان سۆزىدە، ھۆكۈمنامىنى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرگە قوبۇل قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىستانبۇلدا قانۇن كەسپىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندى بۈگۈنكى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ۋەزىيىتى ھەققىدە ناھايىتى پايدىلىق پىكىر-تەكلىپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى 28-ماي كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقى مەلۇم.

د ئۇ ق بىرىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنى 2018-يىلى 11-ئايدا گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە چاقىرغان ئىدى.