غايىپ مىرئادىل ھەسەننىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئونسۇ ھۆكۈمەت خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.09.18
miradil-hesen-youtube-1.jpg خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پاش قىلغان مىرئادىل ھەسەن ئۆزىنىڭ ئانىسى قاتارلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئىكەنلىكى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى سېنتەبىر.
Social Media

خىتاي ئۆلكىسىدە تۇرۇپ خىتايغا قارشى يوتۇبتا بايانات ئېلان قىلغان ئاقسۇ ئونسۇلۇق ياش مىرئادىل ھەسەن ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئونسۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر خادىمى مىرئادىل ھەسەننىڭ خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ مىرئادىلنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى سۆپىتىدە ئۇنىڭ توردا ئاتالمىش «ئىغۋا تارقىتىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىگەنلىكى ۋە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى

غايىپ مىرئادىل ھەسەن ئامېرىكادىكى يوتۇبچى شادىمان ماخمۇت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىدا، ئۆزىنىڭ يوتۇبتا ئۇچۇر ۋە بايانات ئېلان قىلىشنى ئۈچ ئايچە داۋاملاشتۇرۇش پىلانى بارلىقىنى ئېيتقان، ئەمما شۇنىڭدىن بىرقانچە سائەت كېيىن ئۇنىڭ تاشقىي دۇنيا بىلەن ئالاقسى ئۈزۈلۈپ، ئىز-دېرىكسىز غايىپ بولغان. نورۋېگىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ 7‏-سېنتەبىر فېيسبوكتا ئېلان قىلغان بىر يازمىسىدا مىرئادىل ھەسەننىڭ تۇتۇلۇپ بولغانلىقى ھەققىدە ۋەتەندىكى ئىشەنچلىك بىر مەنبەدىن ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بىز ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلاردىن مىرئادىلنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم ئۆزىنىڭ مىرئادىلنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. 

غايىپ مىرئادىل ھەسەن يوتۇبتىكى باياناتىدا ئۆزىنىڭ2018 ‏-يىلى ئونسۇدا لاگېرغا تۇتۇلۇشتىن قېچىپ، ئۆزى ئالىي مەكتەپنى ئوقۇغان جياڭسۇ ئۆلكىسىگە كېلىۋالغانلىقى، ئىش-ئىزدەپ شاڭخەي ۋە نەنجىڭلارغا بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر كىملىكى سەۋەبىدىن ئىشقا ئېلىنمىغان ياكى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئىشتىن چىقىرىلانلىقى، 2 يىلدىن بۇيان سەرگاردان ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي سىياسىي ۋەزىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى. 

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ بىر خادىمىدىن نازارەتتىكى تۇتقۇنلار تىزىملىكىدە مىرئادىل ھەسەن ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنىڭ نىسبەتەن ئۇزۇنلۇقى ۋە ھەر خىل يېزىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، تېپىشنىڭ قېيىنلىقىنى بايان قىلدى. 

مىرئادىل ھەسەن باياناتىدا يەنە ئاقسۇدىكى لاگېرنىڭ خەرىتىسىنى ۋە ئۆزى ئۇچراتقان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش ھېكايىسىنى تەسۋىرلىگەن ئىدى.

ئەدلىيە نازارىتىدىكى يەنە بىر خادىمدىن مىرئادىل ھەسەننىڭ ئانىسى ۋە بوۋىسىنىڭ تۇتقۇنلار تىزىملىكىدە بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ خاتىرىنى ئاختۇرۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى. 

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئونسۇ بازارلىق ھۆكۈمەت خادىمى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، ئەھۋالنى ج خ تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىكى بىر خادىم توردا «ئىغۋا» تارقاتقان مىرئادىل ھەسەننىڭ تۇتۇلغان-تۇتۇلمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئۇنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ مىرئادىلنىڭ قاچان تۇتۇلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى جاۋاپ بەرمىدى. ئۇ پەقەت مىرئادىل ھەسەننىڭ «توردا ئىغۋا تارقاتقانلىقى» ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى. مىرئادىلنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر ئىش تېرىغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ خادىم، ئۇنىڭ «دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا قارا سۈركىگەنلىكى ۋە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى. 
مىرادىل بايانتىدا ئانىسىدىن باشقا يەنە بوۋىسى توختىنىياز توختى، مومىسى خانزادە ۋە تاغىسى ئاقنىيازلارنىمۇ تىلغا ئالغان شۇنداقلا ئۆزى سەۋەپلىك بوۋسىنىڭ پېنسىيە پۇلىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى. مەزكۇر خادىم توختىنىياز توختىنىڭ مىرئادىل ھەسەننىڭ بوۋوىسى ئىكەنلىكى ۋە بىر پېنسىيونېر ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. 

مىرئادىل ھەسەن يۇتوبتىكى ئۈچ قىسىملىق باياناتى ۋە بىر زىيارەت خاتىرىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پاش قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ خىتاپ قىلىپ، خىتايغا قارشى ھەركەتلىرىدە تېخىمۇ جەسۇر بولۇشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇ بىر ئىنسان ھەرقانچە ئەركىن دۆلەتتە ياشىسىمۇ ئەگەر جەسۇر بولمىسا، بۇ ئەركىن دۆلەتتە ياشاشنىڭ شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ، ئۇيغۇر مىللىتىگىمۇ پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى نۇقتىلىق ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ ئەسكەرتمىسىنى خىتاي ئىچىدە تۇرۇپ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىشتەك ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىىر كۈچىگە ئىگە قىلغان ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن غايىپ مىرئادىل ھەسەننىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى دەلىللەندى، ئەمما ئۇنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.