مىرىيام لېكسمان، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قايتۇرغان ئىنكاسنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2022.11.23

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مىرىيام لېكسمان خانىم، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قايتۇرغان ئىنكاسنى ئەيىبلىدى. ئۇ، سۆھبەت جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى، خىتاينىڭ ياۋروپادىكى تەتۈر تەشۋىقاتى قاتارلىق تېمىلاردىمۇ توختالدى ۋە بۇ ھەقتىكى تەھدىتنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بۇلارغا جىددىي رەۋىشتە ئىنكاس قايتۇرۇش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

سىلوۋاكىيەلىك سىياسەتچى مىرىيام لېكسمان خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «خرىستىئان دېموكراتىك ھەرىكىتى پارتىيەسى» نىڭ ئەزاسى. ئۇ، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېتىۋاتقان نوپۇزلۇق سىياسىيونلارنىڭ بىرى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.