ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئەزھەر ئوقۇغۇچىسى يالغۇز مۇختەر روزىلا ئەمەس

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.09.26
muxter-rozi-misirda-ghayib-2.jpg مىسىردا غايىب بولغان ئەزھەر ئوقۇغۇچىسى مۇختەر روزى ئەپەندىنىڭ قانۇنلۇق رەسمىيەتلىرى. 2017-يىلى سېنتەبىر، مىسىر.
مۇختەر روزى ئەپەندىنىڭ خانىمى مەريەم مۇھەممەد خانىم تەمىنلىگەن

ئىستانبۇلدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەزھەر ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئېلى، تۇتقۇن بولۇۋاتقان كۈنلەردە ئۆزى ۋە يەنە ئىككى دوستىنىڭ پاراخوت ئارقىلىق مىسىردىن ساق-سالامەت ئايرىلغان بولسىمۇ، كۆزىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى ئېلى ۋە قالغان ئىككى سەپدىشى، ئۆزلىرىنىڭ قۇتۇلۇشىغا سەۋەب بولغان مۇختەر روزىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالماي كەلمەكتە.

ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان دەسلەپكى كۈنلەردە، ئەزھەر ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسەن قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلارنى تۇتۇۋېتىپتۇ دەپ ئويلاپ، قېچىش خىيالى كەلمىگەن بولسىمۇ كېيىن، ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ھەتتا خىتاي كونسۇلى بىلەن يېقىن ئالاقىسى بار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىگىمۇ خەۋپ يېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان دەل شۇ پەيتتە مۇختەر، ئېلىگە كونسۇل بىلەن ئالاقىسى بار، خىتايلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى بىر تۇڭگاننىڭ ئۆزىگە «سېنىڭ ئىسمىڭنى كونسۇلدىكى تىزىملىكتە كۆرۈپ قالدىم» دەپ ئۇچۇر يوللىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىپ، پاراخوت پورتىدىن ئىيوردانىيەگە بارىدىغان پاراخوت ئارقىلىق مىسىردىن ئايرىلىش ۋە ئىيوردانىيەدىن تۈركىيەگە بېرىشنى پىلانلىغان. باشقىلارنىڭ بېلەت ئالغۇدەك ئىقتىسادى بولمىغاچقا، مۇختەر ئۆزىدىن باشقا يەنە 3 ساۋاقدىشىغا ياردەم قىلىپ، سەپەر چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

مۇختەر روزى، ئېلى ۋە ئۇلارنىڭ يەنە ئىككى ساۋاقدىشىدىن ئىبارەت ئەزھەرنىڭ قانۇنلۇق ئوقۇغۇچىلىرى بولغان مەزكۇر تۆت ئۇيغۇر 16-ئىيۇل كۈنى قاھىرەدىن بىر قانچە سائەت يول يۈرۈپ نوۋېيبى پاراخوت پورتىغا كەلگەن. ئەمما تاموژنىدىن ئۆتىدىغان چاغدا ئاۋۋال ئېلى بىلەن يەنە بىر ساۋاقدىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇختەر روزى يەنە بىر ساۋاقدىشى بىلەن بىرگە توسۇپ قېلىنغان. كېيىن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ بولغان ئېلى بىلەن ئۇنىڭ سەپەردىشى قايتا پاراخوتتىن ياندۇرۇپ چۈشۈرۈلگەن ۋە قايتا تەكشۈرۈلگەن. پورت ساقچىلىرى بۇ تۆت ئۇيغۇرنىڭ پاسپورت، بېلەت ۋە باشقا ماتېرىياللىرىنى رەسىمگە تارتىپ، قاھىرەدىكى باش ئاپپاراتىغا يوللىغان. ئەتىسى مۇختەردىن باشقا 3 كىشى چېگرادىن ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنىپ ئىيوردانىيەگە ماڭغان پاراخوتقا ئولتۇرغۇزۇلغان. ھالبۇكى مۇختەر يالغۇز ئايرىپ قېلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇختەرنىڭ تېلېفونىنىڭ توكى تۈگەپ، ئالاقە ئۈزۈلگەن.

ئېلىنىڭ ئېيتىشىچە، سەپداشلار ۋە مۇختەرنىڭ ئايالى ھەمدە مىسىردىكى ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىۋاتقان ئادۋوكاتمۇ ھازىرغىچە ئېلىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغان. ئادۋوكاتنىڭ ئېلىگە دېيىشىچە، ئېلى تۇتۇلۇپ ئىككىنچى كۈنى پورت ساقچىلىرى مۇختەرنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەن ئادۋوكاتقا؛ «بىز ئۇنداق ئادەمنى كۆرمىدۇق» دەپ قايتۇرۇۋەتكەن. قاھىرەدىكى ئۇيغۇرلار سولانغان تۇرا تۈرمىسىدىنمۇ مۇختەرنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغاندىن كېيىن ئادۋوكات نوۋەيبى پورتىغا قايتا كېلىپ سۈرۈشتۈرگەن. ئۇلار بۇ نۆۋەت ئادۋوكاتقا مۇختەرنىڭ قاھىرەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن ۋە قايسى ئورۇنغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىشقان ئىكەن. ھەممە رەسمىيەتلىرى تولۇق مۇختەرنىڭ پورتتىكى تەكشۈرۈشتە سەپەرداشلىرىدىن ئايرىپ ئېلىپ قېلىنىشى، ئۇنىڭ ئالدىدا مۇختەرگە كەلگەن خىتاينىڭ تىزىملىكىگە چۈشكەنلىك شەپىسى، مۇختەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئۇنىڭ ئايالى ۋە سەپداشلىرىدا «ئەجەبا مۇختەر روزى خىتاي تەرەپنىڭ تىزىمى بويىچە تۇتۇلغانمىدۇ؟» دېگەن گۇماننى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

تېلېفون ئالاقىلىرى ۋە مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئارقىلىق داۋاملىق سەپدىشى مۇختەر روزىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان ئېلىنىڭ ئېيتىشىچە، 16 ئۇيغۇر تۇرا تۈرمىسىدىن ئېلىپ كېتىلىپ غايىب بولغان، مۇختەر روزى، چېگرادا تۇتۇلۇپ غايىب بولغان بولسا، يەنە ئۆزى تونۇيدىغان ئەزھەردە ئوقۇۋاتقانلاردىن شۆھرەت ۋە پەرھات 5-ئىيۇلدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار خىتايلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، خىتاي كونسۇلى بىلەن يېقىن ئالاقىسى بار ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، پەرھات كېيىن تۇرا تۈرمىسىگە ئاپىرىلغان ۋە شۆھرەت، ئۆيىگە بېسىپ كىرگەن مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن بۇيان، ھازىرغىچە ئۇلارنى كۆرگەنلەر يوق ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.