«4-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» گوللاندىيەدە ئېچىلدى

0:00 / 0:00

خەلقئارادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇندىن كېيىن دۇنيا ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى، بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا باش قاتۇرماقتا.

بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدە «4-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننى مەركىزى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ساھىبخانىلىق قىلغان. يىغىنغا كانادا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە ۋە تۈركىيەدىن بولۇپ 17 مۇتەخەسسىس ۋە بەزى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان مەركىزى ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى، تارىخچى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يىغىندا خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىدا نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.

15-نويابىردىن 18-نويابىر كۈنىگىچە داۋاملاشقان يىغىندا مەۋجۇت خەلقئارا سىستېما ۋە دۇنيا تۈزۈمىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئىقتىساد ۋە سودا، مۇداپىئە ۋە قوراللىنىش، خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى، يۈكسىلىۋاتقان خىتاي ۋە خەلقئارا سىستېما، يېڭى دۇنيا تۈزۈمى، يۈكسىلىۋاتقان خىتاينىڭ خەلقئارا سىستېما ۋە دۇنيا تۈزۈمىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى، خىتاينىڭ رايون خاراكتېرلىك ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك تەسىرلىرى، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار قانداق ئىشلارنى قىلىشقا بولىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا پىكىر بايان قىلىنىپ، مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدە چاقىرىلغان «4-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» غا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىندا د ئۇ ق پائالىيەتلىرىدە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، گەرچە قارار ماقۇللانمىغان بولسىمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىغا يول كۆرسىتىدىغان قىممەتلىك ئوي-پىكىرلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى 4 قېتىملىق ئىستراتېگىيە يىغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بۇرۇنقى يىغىنغا ئوخشىمايدىغان يىغىن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

«4-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنى» غا ساھىبخانىلىق قىلغان مەركىزى گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇراخمان ئابدۇللاھ ئەپەندى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىستراتېگىيە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىكى شىمالىي سىپرۇش تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرنە شەھىرىدە، ئىككىنچى قېتىملىقى بولسا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە، ئۈچىنچى نۆۋەتلىكى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغانىدى.