ئالماتادا ئۆتكەن ياشلار ئارىسىدا بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.12.14
Uyghur-eli-yash-bokschiliri-tenherket.jpg ئۇيغۇر ئېلى ياش بوكسچىلىرى ترەنەرلىرى بىلەن. 2015-يىل 12-دېكابىر، ئالماتا.
RFA/Oyghan

ھەر يىلى ئالماتا شەھىرىدە ئاتاقلىق بوكسچى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى مېڭگېرېي خايرۇتدىنوف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان بوكس بويىچە خەلقئارا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.

ئۇنىڭغا قازاقىستاننىڭ ھەر خىل شەھەرلىرىنىڭ بوكس كۇلۇبلىرىنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، شۇنداقلا رۇسىيە، كۇبا، ئەزەربەيجان ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەرنىڭ ياش تەن-ھەرىكەتچىلىرى قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ماھىرلىقىنى نامايىش قىلىپ كەلمەكتە. بۇ مۇسابىقىگە شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىنىڭ بوكسچىلىرىمۇ پات-پاتلا قاتنىشىدۇ. مەسىلەن، 2011-يىلى ئۆتكەن مۇسابىقىدە ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى خېلى ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن ئىدى. ئاتاپ ئېيتقاندا زۇلپىقار مەھەممەتئەلى ئالتۇن مېدالغا، ئالىم ھوشۇر كۈمۈچ مېدالغا، قۇربانجان چوڭ، ئابدۇرېھىم ئىبراھىم، ئەيسا قارىلار بولسا، مىس مېدالغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەنە بىر ماھىر بوكسچىسى مەمەت تۇرسۇنمۇ قازاقىستاندا ئۆتكەن مۇسابىقىلەردە ئاسىيا چېمپىيونى ئاتالغان ئىدى.

ئالماتادا ئۆتكەن بۇ قېتىمقى 14-خەلقئارا مۇسابىقىگە يەتتە دۆلەتتىن 160 بوكسچى قاتناشتى. ئومۇمىي نەتىجە بويىچە قازاقىستانلىقلار ئالتە ئالتۇن مېدال بىلەن بىرىنچى ئورۇننى، ئىككىنچى ئورۇننى ئۆزبېكىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەر ئېگىلىدى. مەزكۇر مۇسابىقىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن يەتتە نەپەر ياش بوكسچى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلاردىن ئابدۇرېشىت رەھمىتۇللا ئىككىنچى ئورۇنغا، مەردان مەمەت ئۈچىنچى ئورۇنغا ئېرىشتى.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ بوكسچىلىرىنى مانا بىر نەچچە يىل مابەينىدە مەشىقلەندۈرۈپ كېلىۋاتقان ترېنېر ۋلادىمىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، م. خايرۇتدىنوف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان مەزكۇر مۇسابىقە ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مۇسابىقىگە ئەنئەنە بويىچە كېلىۋاتىمىز. ھازىر چوڭ ياشتىكى بوكسچىلارمۇ ئىلگىرى مۇشۇ يەرگە كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى سىنىغان. بۇ يەرگە بىر يىل مابەينىدە ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىسىنى ئانالىز قىلغان تەنھەرىكەتچىلەر كەلدى. بۇ ئىنتايىن ياخشى مۇسابىقە. مۇسابىقە ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. بىز مانا بۇ مۇسابىقىگە يەتتە ئادەم ئېلىپ كەلدۇق. بىرى ئىككىنچى، بىرى ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى. لېكىن ياشلار ئۈچۈن بۇ نەتىجە يامان ئەمەس. بۇ قېتىمدا 98-ۋە 99-يىللاردا تۇغۇلغانلار ئېلىندى. بۇ ياشلار مەزكۇر مۇسابىقىگە دەسلەپ قېتىم قاتناشسىمۇ، ئامما ئۆزلىرىنىڭ كۈچلىرىنى سىناپ ئۈلگەردى. بىز بۇ يەردە بىر نەچچە كۈن مابەينىدە ئۇلار بىلەن مەشىقلەرنى، باشقا بوكسچىلار بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بۇ جەھەتتە قازاقىستاندا ياخشى مۇتەخەسسىسلەر، ترېنېرلار يېتەرلىك. ئۇلار بىزگە كېلىپ تۇرىدۇ. بۇ قېتىمدا بىز بۇ يەرگە كەلدۇق. كېيىنكى يىلى ساتتارخانوف خاتىرىسىگە بېغىشلانغان مۇسابىقىگە كەلمەكچىمىز.» ۋلادىمىر ئۆز سۆزىدە ئۇزۇن يىللار تاشكەنتتە، ئاندىن ياۋروپادا ئىشلىگەنلىكىنى، ھازىر بولسا ئۈرۈمچىدە ياش بوكسچىلارنى مەشىقلەندۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياش بوكسچى ئابدۇرېشىت رەھمىتۇللا ئۆزىنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى ھەم بۇنىڭدىن ئالغان تەجرىبىلىرى ھەققىدە توختالدى: «مەشىقنى باشلىغان ۋاقتىم 2010-يىل 9-ئاي، قەشقەر شەھىرىدە تەنتەربىيە مەكتىپىگە كىردىم. 2013-يىل 9-ئايدا ئۈرۈمچى سبورنىي كوماندىغا كىردىم. بىر يىل مەشىق قىلىپ، ئۈرۈمچىدە شەھەرلىك 10-مۇسابىقىدە 2-ئورۇن ئالدىم. 2015-يىلى 10-ئايدا تالدىقورغاندا خەلقئارا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئىككىنچى، ئالماتادا ئىككىنچى ئورۇننى ئالدىم. ئاتا-ئانىلىرىم مېنى قوللايدۇ. ئۆزلىرىمۇ بوكسنى ياخشى كۆرىدۇ. مەزكۇر سىناقتىن ئۆزۈم بوكسنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئۆتتۈم. ئاندىن ئاتا-ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ، خەلقىمگە خىزمەت قىلسام دەيمەن. مەن ئۈلگە ئېلىۋاتقان ئۆزىمىزنىڭ كوماندىسىدىن چىققان ئاسىيا چېمپىيونى بولغان مەمەتتۇرسۇن ئاكام، قانات ئىسلام ئاكام بار. چەتئەللىك بوكسچىلاردىن قازاقىستانلىق گولوفكىن بار. ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ياخشى ئۆگەندىم. كونا بوكسچىلاردىن روي دژونىس، مۇھەممەت ئېلىدەك بوكسچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆگەندىم، بۇ مۇسابىقىلەردە ياردەم قىلىۋاتىدۇ. ئالدىمدا ۋەتىنىمگە ‏- ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن، ھازىر ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا ئوينىغان مۇسابىقىلەردىن ئۆزۈمنىڭ يىغقان تەجرىبىلىرىمنى جۇغىلاپ، بۇ مۇسابىقىلەردىكى خاتالىقلارنى، قايسىنى ياخشى، قايسىنى يامان قىلدىم شۇلارنى ئۈگەنمەكچىمەن.»

ئالماتادا ئۆتكەن بۇ مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش ھەم مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قازاقىستاننىڭ ئاتاقلىق بوكسچىلىرى ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف، ئاندرېي كۇرنياۋكا، كېرەم ئابدۇراخمانوف، ئېرماخان ئىبراھىموف، باقىت سارسېكبايېف ۋە باشقىلار قاتناشتى.

ئەمدى قازاقىستاندىن بوكس بويىچە يېتىلىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى بارمۇ؟ بار بولسا ئۇلار كىملەر؟ بىز بۇ ھەقتە قازاقىستاننىڭ بوكس ماھىرى دولقۇن كامېكوفقا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا قاتنىشىشىنى نىيەت قىلىپ، مەن ئۆزۈم ئون يىل بۇرۇن 15-20 بالىنى يىغىپ، تەييارلىق قىلغان. ئەنە شۇلاردىن ھازىر يېتىلىپ چىققىنى مىجىتوف دىلمۇرات قازاقىستان بويىچە ياشلار ئارىسىدا چېمپىيون بولدى. قىزىمىز رەنا پەرھاتوۋا بۇ يىلى قازاقىستان بويىچە چېمپىيون بولدى. ھەر ئىككىلىسى چوڭ مۇسابىقىلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلاردىن تاشقىرى مۇشۇ ئالماتا شەھىرىدە چېمپىيون بولۇپ يۈرگەن بالىلارمۇ بار. مەقسەت قىلغىنىمىز شۇلارنى دۇنيا مۇسابىقىلىرىگە، يەنى برازىلىيەدىكى ئولىمپىك ئويۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىشنى نىيەت قىلىۋاتىمىز.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.