شېنجىندىكى ۋەقە قۇرۇلۇش ئەخلەت دۆۋىسى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان
2015.12.21
يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسىدە كۆپ ساندا تۇرالغۇ بىناسى زىيانغا ئۇچراپ بىر قىسىم بىنالارنىڭ پاتقاق ئاستىدا قېلىپ، 90 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۈگۈنكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شىددەتلىك ھۆل-يېغىندىن كېيىن يۈز بەرگەن بۇ ئاپەتتە 30 دىن ئارتۇق بىنا زىيانغا ئۇچرىغان، تەخمىنەن 380 مىڭ كۋادىراتمېتىرلىق بىر رايون لاي-پاتقاق ئىچىدە قالغان، رايوندا ياشاۋاتقان 900 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئاپەتنىڭ سەۋەبى ۋە مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يامغۇردا گۈمۈرۈلگەن «تاغ» نىڭ ئەمەلىيەتتە كېرەكسىز قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ دۆۋىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان تۆپىلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەۋەرلەر تورى قاتارلىقلارنىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋەرلىرىدە، يەكشەنبە كۈنى شېنجىن شەھىرىدە يۈز بەرگەن يامغۇردىن كېيىنكى تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى ۋە سەۋەبى ھەققىدىكى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئېلان قىلىندى.
شېنجىن«پارلاق» ئولتۇراق رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى تەبىئىي ئاپەت بولماستىن، بەلكى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئولتۇراق رايونىدا داۋاملاشقان قۇرۇلۇشتا دۆۋىلەنگەن 100 مېتىر ئىگىزلىككە يەتكەن قۇم ۋە سېمونتتىن ھاسىل بولغان كېرەكسىز قۇرۇلۇش ئەشيالىرىدىن شەكىللەنگەن تۆپىلىكنىڭ ئائىلىلىكلەر رايونىغا ئېقىپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.
دۈشەنبە كۈنى شېنجىندىكى ئاپەت رايونىدىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چېن ئەپەندىمۇ، يۈز بەرگەن لاي-لاتقا ئېقىش ئاپىتىنى تۆپىلىككە دۆۋىلەنگەن كېرەكسىز قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېن ئەپەندى:«يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ رايوندىكى ئىلگىرىكى كۆل ئورنىغا توختىماستىن لاي-لاتقا تۆكۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتىم. كېيىنچە تۆپىلىك ئىگىزلەپ 100 نەچچە مېتىردىن ئېشىپ كەتتى، كېرەكسىز سېمونت ۋە قۇم-شېغىللارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار ھەر كۈنى كېلىپ-كېتىپ تۇراتتى، ھەممە يەرنى چاڭ-توزان بېسىپ كېتەتتى. مەن بۇ يەرگە يېڭى كەلگەن چېغىمدا خوتۇنۇم ماڭا ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەبىرلىرى ئېلىنمىغان بۇ خىل لاي-لاتقا توشۇشنىڭ ئاقىۋەت گۈمۈرۈلۈش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.»
ئولتۇراق رايوندىكى خۇڭلىيۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 2014-يىلى 10-ئايدا رايونغا دۆۋىلەنگەن قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە ئۈزلۈكسىز ھەل بولماي كەلگەن.
خىتاينىڭ دۆلەت يەر-مەدەن بايلىقى تورىنىڭ شېنجىندىكى لاي-لاتقا ئاپىتى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، «ئولتۇراق رايوندىكى ئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى رايوندىكى تەبىئىي تۆپىلىك بولماستىن، بەلكى تۆپىلىك ئۈستىگە دۆۋىلەنگەن زىيادە كۆپ قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىدىن پەيدا بولغان سۈنئىي تۆپىلىكنىڭ يامغۇردا ئولتۇراق رايونغا ئېقىپ كەلگەن لاي-لاتقىلار» ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شېنجىندىكى لاي-لاتقا ئاپىتى يۈز بەرگەن «پارلاق» ئولتۇراق رايونىدىكى قۇم-شېغىل دۆۋىسى شېنجىن شەھەر كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىگە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى كۆپ قېتىم شېنجىن شەھىرىدىكى قۇرۇلۇش توختاملىرىنى ھۆددىگە ئالغان ئىكەن.
نۆۋەتتە خەلقئارا تاراتقۇلار شېنجىندىكى لاي-لاتقا ئاپىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن ئېلىشقا تايىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاپەت رايونىغا مۇستەقىل تاراتقۇلار ۋە ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ كىرىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە ، ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ رايون شېنجىندىكى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان. ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئاپەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى چەكلىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
شېنجىندىكى ئاممىۋى تەشكىلات «باھار شامىلى ئەمگەكچىلەر مۇلازىمەت تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇلى جاڭ ئەپەندى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپەت يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى ئىشچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاپەت رايونىغا كىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى: «بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىزنىڭ ئىشچىلارغا ياردەم بېرىش مۇمكىنچىلىكىمىز چەكلىمىگە ئۇچرىدى. ئاپەتنىڭ تەبىئىي ئاپەت ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. ھۆكۈمەت ۋە بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەبلەردىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.»
دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە تاغدىن ئېقىپ چۈشىدىغان لاي-تاتقىلارنىڭ داۋاملىق ئېقىپ چۈشۈشى كونترول قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپەتتە 14 ئائىلىلىكلەر بىناسى ، 2 ئىشخانا بىناسى، 3 ياتاق بىناسى، 13 ئېغىز تۇرالغۇ ئۆي ۋە بىر رېستوراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 33 قۇرۇلۇش لاتقا ئاستىدا قالغان، 21-دېكابىر ئەتىگەن سائەت 6 گىچە يوقاپ كەتكەن ئادەم سانى 91 گە يەتكەن.