خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە يامغۇر ئارىلاش قار ئاپىتى كۆرۈلگەچكە رايوندا قاتناش توختاپ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلى رايونىدىكى يېزا-كەنتلەرگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئىلى دېھقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلىدا بىر ھەپتە داۋاملاشقان يامغۇر ئارىلاش قار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتكە قارىتا جىددىي تەدبىر قوللانماسلىقى دېھقانلارنى غەمگە سالغان.
10-نويابىردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي، چۆچەك، ئىلى ۋە سانجى، قارىماي قاتارلىق جايلاردا سىبىرىيە سوغۇق ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە قار-يامغۇرلۇق ھاۋا رايى ھادىسىسى كۆرۈلدى. بىر ھەپتە داۋاملاشقان يامغۇر ئارىلاش قار ۋە شىۋىرغانلىق قار ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان ئېغىر بولغانلىقى مەلۇم.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 17-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مەلۇماتىدىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، 7 كۈندىن بۇيانقى قار-يامغۇرلۇق ھاۋا كىلىماتىدا 10 مىڭغا يېقىن ئاھالە ئاپەتكە ئۇچراپ، قاتناش تۈگۈنلىرىدىكى يولۇچىلاردىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، 900 گە يېقىن تۇرالغۇ ئۆي ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەخىمىگە ئۇچراپ، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننىڭ 25 مىليون سومغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاينىڭ خەلق تورىنىڭ جايلاردىكى ئاپەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسى، چۆچەكنىڭ تولى، دۆربىلجىن ناھىيىلىرى، ئىلىنىڭ تەلكى تاغلىرى، غۇلجا ناھىيىسى ۋە قارىماي شەھىرى قاتارلىق جايلاردا بىر ھەپتىدىن بۇيان يامغۇر ئارىلاش قار، شىۋىرغانلىق قار ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئالتاينىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسى، تەلكە تاغلىرى قاتارلىق قىسمەن جايلاردا قارنىڭ قېلىنلىقى 1 مېتىرغا يەتكەنلىكى ۋە نۆلدىن تۆۋەن 19، 20 گرادوسلۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرا سەۋەبلىك، قار تازىلاش، يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش تەسلىشىپ بەزى يول بۆلەكلىرىدە قاتناش توختىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلى رايونىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار، ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئاساسەن ئۇزۇن يوللۇق قاتناش يول تۈگۈنلىرىدىكى رايونلارنىڭ قار ئاپىتىگە ئۇچراش ۋە قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېرىلىپ، ئوخشاش ئاپەتكە ئۇچراۋاتقان يېزا-كەنت، قىشلاقلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر تەكشۈرۈشنى باشلىمىغانلىقى ئۈچۈن تاراتقۇلاردىمۇ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلىدا بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان يامغۇر ئارىلاش قار ئاپىتى ھەققىدە توختالغان بىر خانىم، 11-ئاي كىرىشى بىلەنلا باشلانغان قار ئارىلاش يامغۇر ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك دېھقانلار ئارىسىدا بۇ يىل ياز پەسلىدە ئىلى دىيارىدا كۆرۈلگەن يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىدىكى زىيانلارنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىغان يەنە بىر قېتىملىق جىددىي كەيپىياتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم يەنە، يامغۇر ئارىلاش قار داۋاملىشىۋاتقىلى بىر ھەپتە بولغان بولسىمۇ، رادىيو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھازىرغا قەدەر بېرىلمىگەچكە، ئۆزى ۋە قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ ئاپەتنىڭ زىيىنى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلى دېھقانلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن، قار ئاپىتىنىڭ دېھقانلارنى يەنە غەمگە سالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئېتىزلاردىكى بۇغداي، قوناق قاتارلىق ھوسۇللار يىغىۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇدا بىر ھەپتە داۋاملاشقان يامغۇر ئارىلاش قار سەۋەبىدىن ناھىيە، شەھەر بازارلىرىنى قىشلىق كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن پارنىك ياساپ كۆكتاتچىلىق قىلىۋاتقان ۋە ئېتىزلىرىغا يېسىۋىلەك، سەۋزە، قىزىلچا قاتارلىقلارنى تېرىغان دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى، ئەمما يېزا -كەنتلەردە ھازىرغا قەدەر دېھقانلارنىڭ زىيىنى ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز ئىلى يېزىلىرىدىكى قار ئاپىتى كەلتۈرگەن زىياننىڭ ئەھۋالىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئىگىلەش ئۈچۈن، بىرقانچە يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىشخانىلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز جاۋابسىز قالدى، ياكى ئۇلانغان تېلېفون ئۈزۈۋېتىلدى.