تەرەققىياتتىن يىراق، ئەيدىزگە يېقىن-خوتەن
2013.04.10
يېقىنقى 10 يىلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى بارغانچە جىددىيلەشمەكتە. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالمىغان بىرمۇ شەھەر، ناھىيە، يېزا قالمىدى. ھەتتا تەكلىماكاننىڭ ئەڭ چېتىگە جايلاشقان، ھەر تەرەپتىكى تەرەققىياتى چوڭ شەھەر، ناھىيىلەرگە باققاندا بىر قەدەر ئاستا بولۇۋاتقان، نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەخلاقى چىڭ ساقلىنىپ كېلىۋاتقان يۇرتلاردىن خوتەنمۇ يېقىنقى يىللاردا ئەيدىز ۋەزىيىتى بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان يۇرتلار قاتارىغا ئۆتتى. شۇ سەۋەبلىك يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت 2013-يىللىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت نىشانى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، مەسئۇل كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنامىگە ئىمزا ئاتقۇزۇپ خوتەندە بارغانچە يامراۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىمەكچى بولغان.
خوتەن ۋىلايەتلىك مەھكىمە تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ئاپرېل كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىدە ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىي كونترول قىلىش مەقسىتىدە «ئەيدىز تەھدىتىنى مۆلچەرلەش خىزمەت يىغىنى» چاقىرىلغان. يىغىندا، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى داۋالاش پىلانىدا،/ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، خەتەرلىك ئامىللارنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ تۈزەش ۋە مۇناسىۋەتلىك قاراتمىلىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مۇھىمى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت نىشانى مەسئۇلىيەتنامىسىگە ئىمزا ئاتقان. بۇنىڭ بىلەن خوتەن ۋىلايىتى مۇئاۋىن ۋالىسى ھەسەنجان نېيىت خوتەن ۋىلايىتىدە ئەيدىز تەھدىتىنى مۆلچەرلەش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى 1995-يىلى بايقالغان ئىدى، خوتەندە بولسا 1996-يىلى بايقالغان. ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ خوتەندە يامرىشى يېقىنقى يىللاردا ناھايىتى تېز ۋە كەڭ بولغان بولۇپ، ھازىر خوتەن ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى جەھەتتە ئۇيغۇر ئېلى بويىچە 6-ئورۇندا ئىكەن. ئەمما خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئومۇمىي سانى بارلىق مەتبۇئاتلاردىن مەخپىي تۇتۇلماقتا. خەۋەردە يەنە، خوتەندە بايقالغان ئەيدىزلەرنىڭ يۇقتۇرۇۋېلىش يوللىرى ئاساسەن شىپرسنى ئورتاق ئىشلىتىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت، دەپ كۆرسىتىلگەن.
خوتەندە ئىشقا كىرىشكەن ئەيدىز تەھدىتىنى مۆلچەرلەش خىزمىتى ۋىلايەتكە قاراشلىق شەھەر، ناھىيە، يېزىلاردا كۆپ تەرەپلىك ئورگانلار بويىچە تەكشۈرۈپ تىزىمغا ئېلىش، جەمئىيەتتە سىستېمىلىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، ئاپتونوم رايوندىكى ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى ۋە داۋالاش خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
خوتەن شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتتە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىۋاتقان،ھەتتا ۋىلايەت ھەم خوتەن شەھىرىدە ئالدىنى ئېلىش داۋالاش جەھەتتە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ناھىيە، يېزىلارنىڭ يەنىلا قالاقلىقىنى ئەسكەرتتى.
قاراقاش ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىلىق ئامبۇلاتورىيىسىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر سېسترا ھازىرغا قەدەر يېزىدا تېخى ئەيدىز تەكشۈرۈش ياكى داۋالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىنمىغانلىقىنى، بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان ئوكۇل شىپرسلىرىنىڭمۇ تېخى ئومۇملاشمىغانلىقىنى، ئەيدىزدىن گۇمانلانغان بىمارلارنى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن يەنىلا ناھىيىلىك ۋە ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دوختۇرخانىلارغا يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە دائىر ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 96% تىن ئاشىدىغان ۋىلايەت، 1996-يىلى خوتەندە تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقىلىپ 2005-يىلىغا بارغاندا جەمئىي 7 ناھىيىدە ئەيدىزلەر سانى 65 كە يەتكەن. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىككى ياشتا، ئەڭ چوڭى 47 ياشتا بولۇپ، ئاساسلىق ساننى 20ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ساغلام ياشلار ئىگىلىگەن. ئەيدىزلەرنىڭ 96% ئى ئۇيغۇر، يۇقۇملانغۇچىلار ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر 70.8% نى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئوكۇل شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئاساسلىق يۇقۇش يولى بولغان. يۇقۇش يولى ئېنىق بولمىغانلار 16.9%ni ئىگىلىگەن.
خىتاي سەھىيە تارماقلىرى خوتەننىڭ ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتى ھەققىدە بۇنىڭدىن يېڭى ياكى تولۇق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ باقمىدى.
نۆۋەتتە دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ 60 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئادەتتە ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ھەقىقىي سانىنى، ئاشكارىلانغان ئەيدىزلەر سانىنى ئالتە ھەسسىلەش ئارقىلىق مۆلچەرلەيدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىردىن-بىر ئەل ئىچى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەخمەت قۇربان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تارقىلىشىنىڭ تېز ھەم كەڭ بولۇشىدا، تەشۋىقاتنىڭ ۋاقتىدا ۋە ئۈنۈملۈك بولمىغانلىقى، ئاساسىي سەۋەب ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدا مۇناسىۋەتلىك كادىرلارنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
گەرچە دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە، ئەيدىزنىڭ يېقىنقى يىللاردا شىددەت بىلەن كەڭرى تارقىلىشى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسانلا شۇنداقلا ئاساسلىق ئەيدىزنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى، زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن باغلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سەۋەبلەرنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەپلەرگە چېتىشلىق ئىنتايىن مۇرەككەپ دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا «ئۇيغۇرلاردىكى ئەسلى ئەيدىزگە قارشى تەبىئىي قالقان ھاسىل قىلالايدىغان ئەنئەنىۋى ئەخلاق ۋە دىننىڭ سۇسلىشىشى بىلەن ئەيدىز ۋاباسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۆسۈپ كىرىشىگە ئىشىك ئېچىلدى» دەپمۇ مۇلاھىزە قىلىدۇ.