«مۇلەن» فىلىمى ئىشلەنگەن تۇرپان شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدا 8 ئورۇندا لاگېر بارلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.09.11
diney-mulan-karton-cartoon.jpg دىسنى فىلىم شىركىتىنىڭ «مۇلەن» فىلىمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەنگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن كارتون.
RFA

دىسنېي فىلىم شىركىتى تۇرپاندا ئىشلىگەن «مۇلەن» فىلىمى 4-سېنتەبىر كۈنى قويۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن تۇرپاندىكى لاگېرلار بىر قىسىم خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ سەۋەبتىن تۇرپانغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا تۇرپاننىڭ شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدىلا 8 ئورۇندا لاگېر بارلىقى دەلىللەندى. مەزكۇر لاگېرلارنىڭ ئۈچىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ساقچى خادىمى بۇ لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئاران بىر ئايدا بىر قېتىم بىنا ھاۋالاندۇرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

«مۇلەن» فىلىمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارغا ئادەم توپلاش ئەۋجىگە چىققان 2018‏-يىلىدا سىنغا ئېلىنىشى، مەزكۇر فىلىم ئىشلىگۈچىلىرىنىڭ بازار قوغلىشىپ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىي پاجىئەلەرگە كۆز يۇمغانلىق مەسىلىسىنى ئاخبارات كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلدى. دىسنېي فىلىم شىركىتىنىڭ فىلىم ئىشلەش جەريانىدا لاگېرلار مەسىلىسىگە شاھىت بولماسلىقىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىشارەتلىگەن كانادالىق لاگېر تەتقىقاتچىسى شاۋن جاڭ دىسنېي فىلىم گۇرۇپپىسى تۇرپان ئايرودرومىدىن پىچانغا قاراپ ماڭغاندا ئاز دېگەندە 7 لاگېرغا شاھىت بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان پىچاندىكى ساقچى خادىمى تۇرپان شەھەر ئىچى ۋە يېقىن ئەتراپىدىلا 8 ئورۇندا لاگېر بارلىقىنى دەلىللىدى. بۇ خادىم يەنە مەزكۇر لاگېرلاردا ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر ساقچىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلىدى. نۆۋەتتە بىر ساقچىخانىدا ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بۇ خادىم ئۆزىنىڭ تۇرپان شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى 3 لاگېردا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بايان قىلىنىشىچە، ئۇ تۇرپان شەھىرىدىكى 1-، 5- ۋە 6-تەربىيىلەش مەكتىپى دەپ ئاتالغان 3 لاگېردا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ياردەمچى ساقچى بولۇش سۈپىتى بىلەن لاگېرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپ بىر نەرسە بىلمەيدىغانلىقى، پەقەت 5-لاگېردىكى بىر قىسىم ئىشلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۆزى ئىشلىگەن لاگېرلارنىڭ ئورنى ۋە قۇرۇلۇشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن بۇ خادىم، 5-لاگېردىكى بىر سىنىپتا 36 كىشى ئوقۇغانلىقى ۋە بۇ 36 كىشىنىڭ ياشتا ئەڭ چوڭىنىڭ 60 ياش، ئەڭ كىچىكىنىڭ 17 ياش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر خادىم يەنە بۇ بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان 36 كىشىنىڭ بىر ياتاقتا ياتقانلىقىنى بايان قىلدى، بىز ئۇنىڭدىن ياتاقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈش ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا؛ ئۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئايدا بىر قېتىم بىنا سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ ھاۋالاندۇرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ ھاۋالاندۇرۇشقا، پۈتۈن لاگېردىكى ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئەمەس، بەلكى بىر سىنىپ بىر سائەتتىن نۆۋەت بىلەن ئاچىقىلىدىكەن. لاگېردا كىشىلەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىدە ھاۋالاندۇرۇلۇش نۆۋىتى بىر ئايدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن.

نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىدىكى قاماقخانىلاردا ئادەتتە جىنايەتچىلەرنىڭ 7 كۈندە بىر قېتىم ھاۋالاندۇرىلىدىغانلىقنى بايان قىلىپ، لاگېردىكىلەرنىڭ كۈنىنىڭ تۈرمە ۋە قاماقخانىدىنمۇ ناچار ۋە ۋەھىمىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپاندا ئىشلەنگەن» مۇلەن «فىلىمىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر رايونلۇق تەشۋىقات ئىدارىسى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىگە ھەشقاللا ئېيتىلغان. سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى فىلىم ئىشلىگۈچىلىرىنىڭ تۇرپاندىكى مەزكۇر لاگېرلارنى كۆرمەسلىكى ۋە لاگېردا بولۇۋاتقانلارنى بىلمەسلىكىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، پەقەت بازار قوغلۇشۇپلا، تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ رايىغا بېقىپ، لاگېردىكى پاجىئەلەرگە كۆز يۇمغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۇرپاندا ئۈچ لاگېردا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزكۇر ساقچى خادىمى بىرىنچى لاگېردا 5 ئاي ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ 12 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىدا دىسنېي فىلىم شىركىتى» مۇلەن «دېگەن فىلىمنى سىنغا ئالغان تۇرپان شەھىرىدە 8 لاگېر بارلىقى ۋە ۋە لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىر ئايدا بىر قېتىم ھاۋالاندۇرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.