د ئۇ ق ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ئۆز خىزمەتلىرىدىن مەلۇمات بەردى ۋە تۆھپە ياراتقانلارنى مۇكاپاتلىدى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2025.01.21
duq-turghunjan-alawudun-dolqun-eysa-1024 ئوڭدىن سولغا دولقۇن ئەيسا، پەرھات مۇھەممىدى، تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن. 2025-يىلى 19-يانۋار. ميۇنخېن
RFA/Ekrem

19-يانۋار كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ باش مەركىزىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە د ئۇ ق نىڭ 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدىن مەلۇمات بېرىش، جامائەتنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلاش ۋە دەۋا يولىدا خىزمەت كۆرسەتكەن تۆھپىكار شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. «ناشتىلىق» دەپ ئاتالغان بۇ مۇراسىمغا ميۇنخېندىكى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قاتناشتى.

ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ناشتىلىق» پائالىيىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن سۆزلەۋاتىدۇ، 2025-يىلى 19-يانۋار. ميۇنخېن
ميۇنخېندىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ناشتىلىق» پائالىيىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن سۆزلەۋاتىدۇ، 2025-يىلى 19-يانۋار. ميۇنخېن
RFA/Ekrem

مۇراسىم جەريانىدا، د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، پەرھات مۇھەممىدىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلە تارىخىدا سىياسىي، تەشكىلىي، ئاخبارات قاتارلىق جەھەتلەردە ياراتقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، د ئۇ ق نىڭ ئۇنىڭغا تون كەيدۈرۈپ تەقدىرلەشنى لايىق كۆرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر مۇراسىمنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ د ئۇ ق نىڭ 2024-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ خۇلاسىسىنى جامائەتكە بىلدۈرۈش، 2025-يىللىق خىزمەت پىلانلىرىدىن ئاممىنى خەۋەرلەندۈرۈش ھەمدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ دەۋا يولىدا خىزمەت قىلىپ كەلگەن پىداكار شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سولدىن ئوڭغا دولقۇن ئەيسا، پەرھات مۇھەممىدى، تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن. 2025-يىلى 19-يانۋار. ميۇنخېن
سولدىن ئوڭغا دولقۇن ئەيسا، پەرھات مۇھەممىدى، تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن. 2025-يىلى 19-يانۋار. ميۇنخېن
RFA/Ekrem

بۇ كۈتۈلمىگەن مۇكاپات پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنى ھاياجانغا سالدى. ئۇ تون كەيدۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئالقىش سادالىرىنى ئىچىدە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت يولىدا خىزمەت قىلغان ئىنسانلارنى ھەرقاچان ھۆرمەتلەپ ۋە قەدىرلەپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە بىر مىللەت بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ مۇراسىم ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى 32 يىللىق سىياسىي كۈرەش مۇساپىسىدە تۇنجى قېتىم بۇ خىل مۇكاپات تونىغا نائىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، 1985-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەندىن بۇيانقى 40 يىللىق ئاخباراتچىلىق ھاياتىدا ئۆزىنىڭ ۋەتەن، مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەجىر قىلىپ كەلگەنلىكىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پائالىيەت قىزغىن سۆھبەت ۋە كوللېكتىپ ناشتىلىقتىكى قېرىنداشلىق مېھرىدە كۆپلىگەن ئەزگۈ تىلەكلەر بىلەن ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.