غۇلجىدىكى قامالدا ئاھالىلەرگە نامەلۇم دورىلار بېرىلمەكتە ۋە ئۇچۇر كونتروللۇقى داۋاملاشماقتا
2022.01.31

خىتاينىڭ سەھىيە تارماقلىرى غۇلجىنىڭ قورغاس ناھىيەسىدە ئۆتكەن ھەپتە تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمدارى بايقالغانلىقى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن غۇلجىدا قامال يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، بۇ قېتىملىق قامال مەزگىلدىمۇ دائىرىلەرنىڭ ئاھالىلەرگە نامەلۇم دورىلارنى بېرىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇچۇر كونترول قىلىشنى تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى، تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ۋۇخەندىن ۋابا تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان بىرقانچە قېتىملىق قامالدا ئاھالىلەر، بولۇپمۇ لاگېر زەربىسىگە ئۇچرىغان يەرلىك ئاھالىلەر زور بىر قاتار قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنىدى. شۇڭا بۇ قېتىم غۇلجىدا يولغا قويۇلغان قامالنىڭ ئاھالىلەرگە يەنە قانداق ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم يېزا-قىشلاقلاردىكى ئاھالە ۋە خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق. غۇلجا ناھىيەسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئامانلىق مۇدىرى قورغاس ناھىيەسىنىڭ سۈزۈكسۇ (چىڭسىخوزا) بازىرىدا 22 -يانۋار كۈنى يۇقۇمدارلار بايقالغاندىن كېيىن، غۇلجا ناھىيەسىدە قامال يولغا قويۇلغانلىقى ۋە بۇ قامالنىڭ تەدبىرلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ناھىيە بىلەن شەھەر ۋە يېزا بىلەن يېزا ئارىسىدىمۇ قاتناش چەكلىمىسى ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزلىرى تەۋە يېزىدىلا تىرىكچىلىكىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە تەدبىرلەر قاتارىدا، ئۆزىنىڭ بىر غەرب مېدىتسىنا دورىسى بىلەن بىر خىتاي تېبابىتى ئۆسۈملۈك دورىسىنى تارقىتىۋاتقانلىقى، ئەمما ئۇ ئۆزى تارقىتىۋاتقان بۇ دورىلارنىڭ ئىسمى ۋە فۇنكسىيەسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۆتكەن يىلقى قامال مەزگىلدە ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بەزىلىرى دائىرىلەرنىڭ نامەلۇم دورىلارنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلسا، يەنە بەزى ئاڭلىغۇچىلار، ۋابا مەزگىلدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دائىرىلەرنى ئۈندەككە كەلتۈرۈپ، بېسىلىپ قالغان دورا مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە سېتىۋاتقانلىقى ۋە پايدا تېپىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغانىدى. شۇ چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، خوتەندىكى بىر سەھىيە خادىمى شىجياجۇاڭدا ئىشلەنگەن بىر دورىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە بىر تۇتاش سېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم غۇلجىدىكى قامال مەزگىلىدە، دورىلار سەھىيە خادىملىرى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى كەنت ۋە مەھەللە كادىرلىرى، جۈملىدىن ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان؛ نامەلۇم دورىلار كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، دائىرىلەر ئۇچۇر كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
ئۆتكەن يىلقى قامال مەزگىلىدىمۇ، بەزى ئاھالىلەر، نامەلۇم دورىلارنى ئىچىۋاتقانلىقى، ئەمما، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ئىچىۋاتقان دورىسىنىڭ نامى ۋە رولى ھەققىدە مەلۇمات سوراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.
ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قامال مەزگىلىدە نامەلۇم دورىلارغا پۇل خەجلەشتىن چېكىنمىگەن دائىرىلەر نېمە ئۈچۈندۇر، ئاھالىلەرنىڭ كۆمۈر قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا خىراجەت ئاجرىتالمىغان. بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا تورلاردا ئۇچۇرى تارقالغان كۆمۈر قىيىنچىلىقى ھېلىھەم داۋام قىلماقتىكەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا غۇلجىدا داۋام قىلىۋاتقان قامالدا ئاھالىلەرنىڭ نامەلۇم دورىلارنى ئىچىۋاتقانلىقى ۋە رايوندا ئۇچۇر كونتروللۇقىنىڭ كۈچەيگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.