قازاقىستاننى تونۇتقان ئولىمپىك چولپىنى نارىمان قۇربانوف ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە ۋە ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2024.08.09
Nariman-Kurbanov-olimpic قازاقىستانلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف يېقىندا فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
Photo: RFA

يېقىندا فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئاۋغۇست كۈنى ئېلىپ بېرىلغان «ياغاچ ئاتتا ماھارەت كۆرسىتىش» تۈرىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوف كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. ئىلگىرى خەلقئارا گىمناستىكا مۇسابىقىلىرىدە بىرقانچە قېتىم چېمپىيون بولغان داڭلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوفنىڭ بۇ زور ئۇتۇقى، نۆۋەتتە قازاقىستان ئۈچۈن قولغا كەلتۈرۈلگەن شان-شەرەپ بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىمۇ خۇشال قىلغان شان-شەرەپ دەپ قارالماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ نەتىجە قازاقىستاننىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت تارىخىدا «ياغاچ ئاتتا ماھارەت كۆرسىتىش» تۈرى بويىچە قولغا كەلتۈرۈلگەن تۇنجى مېدال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ گىمناستىكا جەھەتتىكى تالانتىنى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ دۇنياغا نامايان قىلغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوفنىڭ بۇ ئۇتۇقلىرى، نۆۋەتتە قازاقىستاننىڭ ئاخبارات تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقىلىپ، ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ھەمدە ماھارىتىگە قارىتا يۇقىرى باھالار بېرىلمەكتە.

بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ كۈمۈش مېدال ساھىبى نارىمان قۇربانوف باشقا ئولىمپىك مېدالى ساھىبلىرى بىلەن بىرگە 7-ئاۋغۇست كۈنى ئالمۇتاغا قايتىپ كەلگىنىدە يۇقىرى دەرىجىدە قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئايرودۇرۇمغا ئۇنى قارشى ئېلىشقا چىققان قازاقىستان ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دولقۇنتاي ئابدۇخېلىل ئەپەندى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن يېتىلىپ چىقىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرى بولغان نارىمان قۇربانوفنىڭ قازاقىستان دۆلىتى يارىتىپ بەرگەن ئىمتىيازلار ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنياۋى تەنتەربىيە سەھنىلىرىدە قازاقىستان خەلقى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن بۇ شان-شەرىپىدىن چەكسىز پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نارىمان قۇربانوفنىڭ ئولىمپىكتە قولغا كەلتۈرگەن مەزكۇر كۈمۈش مېدالى قازاقىستاندىكى ھەتتا باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ خۇشال قىلغان ۋە ھاياجانغا سالغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تەبرىكلىرى توختىماي داۋاملاشماقتا. نارىمان قۇربانوفنى قارشى ئېلىشقا قاتناشقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى، تونۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەربابى شاۋكەت نەزەروف ئەپەندى نارىمان قۇربانوفنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن بۇ شان-شەرەپ ۋە غەلىبىسىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شاۋكەت نەزەروف ئەپەندى زىيارەت داۋامىدا يەنە، نارىمان قۇربانوفنىڭ بۇ ئۇتۇقلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە يارىتىشتا ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي روھىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك گىمناستىكا بىرلەشمىسى رەئىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى، قازاقىستاننىڭ تۆھپىكار تىرېنېرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قازاقىستاننىڭ تەنھەرىكەت ئەلاچىسى نامىغا ئېرىشكەن پېشقەدەم ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىسى ماخمۇت ئىسكەندوروف ئەپەندى، رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قازاقىستان گىمناستىكا ساھەسىدىكى باشلامچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نارىمان قۇربانوفنىڭ بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ يەنە، بۇ ئۇتۇقنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن زور غەلىبە بولغانلىقىنى مۇنداق تەكىتلىدى: «تەبىئىيكى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى بىر كۈمۈش مېدال ھەر قانداق دۆلەت ئۈچۈن زور مۇۋەپپەقىيەت. ئوخشاشلا، قازاقىستان ئۈچۈن ئېيتقاندا، گىمناستىكا ساھەسىدە كۈمۈش مېدال دۆلەت ئۈچۈنمۇ، گىمناستىكا بىرلەشمىمىز ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى گىمناستىكا ساھەسى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ كۈرەش. ئاخىرقى باسقۇچقا يېتىش ئۈچۈن نارىمان دۆلەتكە ناھايىتى ياخشى ۋەكىللىك قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نارىمان قۇربانوف ئۆزى ئىجاد قىلغان ‹قۇربانوف ماھارەت ئېلېمېنتى› دەپ ئاتالغان گىمناستىكا ماھارەت تۈرىنىڭ ئىگىسى بولۇپ، بۇ، دۇنيا مىقياسىدا تۇنجى قېتىم يۇقىرى خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئورۇندالغان ماھارەت تۈرىدۇر. بۇ تۈر ماھارەتنى ئىلگىرى ھېچكىم كۆرسىتىپ باقمىغانىدى».

ماخمۇت ئىسكەندوروف ئەپەندى يەنە، نارىمان قۇربانوفنىڭ گىمناستىكا ساھەسىدە بۇنىڭدىن كېيىنكى نەتىجىلىرى ۋە كەلگۈسىدىكى ئولىمپىككە قاتنىشىپ، يەنە نەتىجە قازىنىشى مۇمكىنچىلىكى بار-يوقلۇقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئىستىقبالىنىڭ چوڭلۇقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭ كېلەر قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى مۇتلەق ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەن. ئۇ ئۆزى شۇنداق دېدى. ئەمما بىز بۇ مەسىلىنى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ بىلەن، دادىسى بىلەن مۇزاكىرە قىلدۇق. ئۇ كېلەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىدۇ. ئۇ كېلەركى قېتىمدا بۇ تەنھەرىكەت تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئالماقچى. بىلگىنىڭىزدەك، ئۇ دۇنيادىكى بۇ گىمناستىكا ماھارىتىدە ئەڭ كۈچلۈكلەرنىڭ بىرى. چۈنكى ئۇ ئىرېلاندىيەلىك رەقىبىگە ئاران 1/10 نومۇردا، يەنى ئازلا پەرقتە ئۇتتۇرۇپ قويدى».

نارىمان قۇربانوف ئالتە يېشىدىن باشلاپ، ئائىلىسى بولۇپمۇ دادىسى ھۈسەنجان قۇربانوفنىڭ چېنىقتۇرۇشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن تەنھەرىكەتنىڭ «ياغاچ ئاتتا ماھارەت كۆرسىتىش» تۈرى بويىچە سىستېمىلىق تەربىيەلەنگەن. ئۇ بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا، رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستاندىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى تەنھەرىكەتكە قىزىققۇچىلارنىڭ ئۇنى تەبرىكلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇلارنى پەخىرلەندۈرگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان مىننەتدارلىقىدىن تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغانىدى. شۇنداقلا ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ غەلىبىسىدىن چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى، ئالمۇتادىكى ياۋرو-ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇلى، پىروفېسسور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوفنىڭ قازاقىستاننىڭ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە ئۈمىدۋار تەنھەرىكەتچىسى ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ، بۇ غەيرەتلىك جەسۇر، پالۋاننىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كۆمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، نارىمان قۇربانوفنىڭ بۇ غەلىبىسىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۈمىد ياراتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

1997-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىن گىمناستىكا بىلەن شۇغۇللانغان نارىمان قۇربانوف 2017-يىلى كانادانىڭ مونترېئال شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە «ياغاچ ئاتتا موللاق ئېتىش» ماھارىتىنى ئورۇنلاپ چىققان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مۇسابىقىدە كۆرسەتكەن ماھارىتى خەلقئارا گىمناستىكا بىرلەشمىسى تەرىپىدىن يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن ھەمدە ئۇنىڭغا «قۇربانوف ماھارىتى» (The Kurbanov) دەپ نام بېرىلگەنىدى.

نارىمان قۇربانوف بۇندىن ئىككى يىل ئىلگىرى فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ۋە ۋېنگىرىيەنىڭ سومباتخېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە گىمناستىكىنىڭ «ياغاچ ئاتتا ماھارەت كۆرسىتىش» تۈرى بويىچە كۈمۈش ۋە ئالتۇن مېداللارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ تەر تۆكۈپ، ئەجىر قىلىشى ۋە كۈچلۈك جاسارەت-غەيرەت كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بىر-بىرلەپ يارىتىۋاتقان غەلىبە-ئۇتۇقلىرى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنى پەخىرلەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا يول ئېچىپ بەرگۈچى ماياك بولماقتا، دەپ قارالماقتا.

قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە 1956-1960-يىللىرىدىن تاكى ھازىرغىچە 3 ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە كۈمۈش مېداللارغا ئېرىشكەن، بوكس، چامباشچىلىق، كىكبوكس (ئەركىن مۇشتلىشىش)، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ۋە باشقا گىمناستىكا تۈرلىرى بويىچە ئونلىغان ئۇيغۇر ماھىرلار دۇنيا چېمپىيونى، ئاسىيا چېمپىيونى، سوۋېت ئىتتىپاقى چېمپىيونى، ياۋروپا چېمپىيونى بولغانىدى. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە قازاقىستاندا ئاز نوپۇسلۇق خەلق ھېسابلىنىپ، سانى 300 مىڭ ئەتراپىدا بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەنھەرىكەت ساھەسىدە قازانغان نەتىجىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.