Nike ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى، ئەمما ئۇنىڭغا چېتىشلىق تەمىنات زەنجىرىنى ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.07.21
nike-tamozhna-tosulghan.jpg ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەمىنلىگەن بۇ ۋاقىتسىز سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، تاموژنا ۋاكالەتچىسى تاموژنىدا توسۇۋېلىنغان خىتايدىن كەلگەن 14،800 جۈپتىن ئارتۇق Nike ئاياغلىرىدىن بىرىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈشى.
AP

Nike شىركىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچى كارخانىلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشىغا كۆز يۇمۇپ، ئۇنىڭغا يانتاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان داڭلىق خەلقئارا ماركىلارنىڭ بىرى. نۆۋەتتە بۇ خىل شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقان كارخانىلار بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈش توغرىسىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. لاكوستە، ئادىداستەك بەزى شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل خىتاي كارخانىلار بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، مال زاكاز قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن Nike بۇ جەھەتتىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ كەلدى.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكەن ھەپتە بۇ شىركەتكە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى بۇ خىل كارخانىلارغا داۋاملىق مال زاكاز قىلىشى ئۇ تەكىتلەپ كەلگەن» ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش «پرىنسىپىغا قانچىلىك ئۇيغۇنلۇقىنى سورىغانىدۇق. مەزكۇر شىركەت مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، Nike نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زاۋۇتى يوقلۇقى، ئۇلارنى مال بىلەن تەمىنلىگۈچى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى يۇرتىغا قايتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز بۇ شىركەتكە تېلېفون قىلغاندا ئۇنىڭ يەرشارى ئالاقە ئىشلار دىرېكتورى گرېگ روسسىتېر تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مەسىلىگە تېلېفوندا جاۋاب بەرمەيدىغانلىقى، يازما جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىداNike نىڭ ھەرىكىتىنى ئاقلاپ،» بىز خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىمىز. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرى ئەمگەككە ئالاقىدار دوكلاتلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمىز. Nike نىڭ بىۋاسىتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتى ياكى مەھسۇلات ماتېرىيالى يوق. بىز مال بىلەن تەمىنلىگۈچى ھۆددىگەرلىرىمىزنىڭ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان گەزمال ياكى پاختا يىپنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى دەلىللىدۇق «دېگەن.

خىتايدىكى يىللىق ئومۇمى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 86 % ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. Nike باياناتىدا خىتايدىكى ھۆددىگەرلىرىنىڭ ماتېرىيالنى قانداق ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. ئامېرىكادىكى يازغۇچى، ژورنالىست ۋە ئوبزورچى گوردون چاڭنىڭ قارىشىچە، Nike نىڭ سۆزلىرىنىڭ چىنلىقى گۇمانلىق ئىكەن. ئۇ 21-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەگەر Nike نىڭ سۆزى راست بولسا ئۇنىڭ بۇنى ئىسپاتلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

گوردون چاڭ مۇنداق دەيدۇ:» Nike نىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى مەن ئۆزۈمنىڭ بۈگۈنكى ماقالەمدە نەقىل قىلىپ ئالدىم. ئۇنىڭ دېگەنلىرى راست ئەمەس. ‹ۋاشىنگتون پوچتىسى› گېزىتى Nike نىڭ ئېلان قىلغان باياناتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلدى. بۇ يىل مارت ئېيىدىن كېيىن قانداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلمىدىم. بەلكىم ئۇلار پۈتۈن ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى يۇرتىغا قايتۇرۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بىراق Nike بۇنىڭ چىنلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك. چۈنكى، بايانات ئېلان قىلىپ قويۇشى بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ «.

Nike باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ» خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك يوشۇرۇن خەۋپنى ناھايىتى ھۇشيارلىق بىلەن ئېنىقلاش ۋە مۆلچەرلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقى «نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، Nike تەيگۇاڭ شىركىتىنىڭ 2019-يىلدىن بۇيان چىڭداۋدىكى كارخانىسىغا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىشچى قوبۇل قىلىشنى توختاتقانلىقى شۇنداقلا رايوندىن كەلگەن ئىشچىلارنى يۇرتىغا قايتۇرغانلىقىنى جەزىملەشتۇرگەن بولۇپ،» تەيگۇاڭ شىركىتى بۇنىڭغا دائىر ھۆججەتلەرنى Nike بىلەن ئورتاقلاشقان «ئىكەن.

لېكىن ئاۋسترالىيە ئىستىراتەگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرىدىكى Nike نى مال بىلەن تەمىنلەيدىغان تەيگۇاڭ شىركىتىگە تەۋە بىر كارخانىدا 700 دەك ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ قاتتىق نازارەت ئاستىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.» ۋاشىنگتون پوچتىسى «گېزىتىمۇ بۇ يىل 3-ئايدا بەرگەن بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ داۋاملىق بۇ كارخانىدا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدا جىددىي ئىنكاسلاردا بولۇۋاتىدۇ. گوردون چاڭنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسىدىكى سىياسىتى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ كېتىپ بارماقتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:» ئەلۋەتتە ئامېرىكانىڭ سىياسىتى مەجبۇرى ئەمگەككە قارشى تۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئامېرىكانىڭ مەجبۇرى قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىشىدۇر. بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىز ۋە بىز بۇنى قىلالايمىز. ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتىكى سىياسىتى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا قانچىلىك قىلىشقا تېگىشلىك بولسا ئۇنىڭ شۇنچىلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن «.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەنپسەندە قىلىشىغا شېرىك بولۇپ قالماسلىققا ئۈندىگەن. ئۇ 20-ئىيۇل كۈنى يەنە خىتاينىڭ» سانجى يىدا توقۇمىچىلىق گۇرۇھى «،» خوتەن خاۋلىڭ چاچ مەسۇلاتلار زاۋۇتى «نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 خىتاي شۈركىتىنى» قارا تىزىملىك «كە كىرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن خىتاي كارخانىلىرىئىڭ سانى 37 گە يېتىپ بارغانىدى.

خىتايدىكى تەمىنات زەنجىرى مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان Nike نىڭ يۇقىرىقى باياناتى، ئامېرىكادا ئۇنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ئاكتىپ پوزىتسىيەسى مۇنازىرە قوزغاپ، بەزىلەر ئۇنىڭ سەمىمىيىتىگە سوئال قويۇۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. بۇ مۇنازىرىگە ئامېرىكادىكى داڭلىق زەيتۇن توپ كۇلۇبى» ۋاشىنگتون قىزىل تەنلىكلەر «نىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىشى سەۋەب بولغان. مەزكۇر كۇلۇبنىڭ بۇ قارارغا كېلىشىدە Nike شىركىتى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان شىركەتلەرنىڭ بىرى.

FedEx شىركىتى بىلەن Nike شىركىتى» ۋاشىنگتون قىزىل تەنلىكلەر كۇلۇبى «نىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي قوللىغۇچىسى بولۇپ، ئۇلار ئەگەر بۇ كۇلۇب» قىزىل تەنلىك «دېگەن ئىرقچىلىق خاھىشىدىكى بۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتمىسە، ئۆزلىرىنىڭ ياردىمىنى كېسىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. Nike نىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىپادىسى ئامېرىكا جامائەت پىكرىدە مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، بەزىلەر خىتايدىكى تەمىنات زەنجىرى مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ ئەيىپلىنىۋاتقان Nike نى» ئىككى يۈزلىمىچىلىك «بىلەن تەنقىدلىگەن.

ئامېرىكادىكى «سترەام» ناملىق بىر تور ژۇرنىلى يېقىندا توردا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئەگەر Nike پىكرىدە ھەقىقەتەن سەمىمىي بولسا،» ۋاشىنگتون قىزىل تەنلىكلەر كۇلۇبى «نىڭ ئىسمىنى» ۋاشىنگتون ئۇيغۇرلىرى «دەپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.