نورۋېگىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلغان

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.12.09
norwegiye-uyghur-tonushturush-1 نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى خەلچەم مەمتىمىن(ئوڭدىن بىرىنچى) ۋە ئۇيغۇر قىزى مۇنىرە ياقۇپ(ئوڭدىن ئۈچىنچى) لار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتنى بىرلىكتە تەشكىللىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن. 2024-يىلى 5-دېكابىر. نورۋېگىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

5-دېكابىر، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى نورۋېگىيە بەرۇم كوممۇناسىنىڭ مەركىزى ساندېۋىكادىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراش جەريانى ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ تارىخي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى مۇنىرە ياقۇپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتنى ئاڭلاۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. 2024-يىلى 5-دېكابىر. نورۋېگىيە.
ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى مۇنىرە ياقۇپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتنى ئاڭلاۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. 2024-يىلى 5-دېكابىر. نورۋېگىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى خەلچەم مەمتىمىننى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ رادىيومىز ئارقىلىق بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللەشنىڭ مەقسىتى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇ پائالىيەتتە دىققەت تارتقان نۇقتىلاردىن بىرى، بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ساندېۋىكادىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرى ئىنتېرنېتتىن ئالغان ئۇچۇرلار بويىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تام گېزىتلىرىنى لايىھەلەپ مەكتەپنىڭ كارىدور تاملىرىغا ئاسقان بولۇپ، بۇ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى مۇنىرە ياقۇپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بەرگەن دوكلات بەرمەكتە. 2024-يىلى 5-دېكابىر. نورۋېگىيە.
ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى مۇنىرە ياقۇپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە بەرگەن دوكلات بەرمەكتە. 2024-يىلى 5-دېكابىر. نورۋېگىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ناھايىتى ئېچىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ھەر قاچان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. بۇ ھەقتە ياش ئىستۇدېنت، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر قىزى مۇنىرە ياقۇپ، بۇ يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە تەييارلانغان تام گېزىتلىرى. 2024-يىلى 5-دېكابىر. نورۋېگىيە.
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە تەييارلانغان تام گېزىتلىرى. 2024-يىلى 5-دېكابىر. نورۋېگىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى خەلچەم مەمتىمىن ۋە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر قىزى، ئىستۇدېنت مۇنىرە ياقۇپنىڭ بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان دوكلاتىدىن كېيىن، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بەس-بەستە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە جازا لاگېرلىرى ھەققىدە سوئاللار سوراشقان. خەلچەم مەمتىمىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كۆپ سورىغان سوئاللىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنىمۇ رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە تەييارلانغان تام گېزىتلىرى. 2024-يىلى 5-دېكابىر. نورۋېگىيە.
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە تەييارلانغان تام گېزىتلىرى. 2024-يىلى 5-دېكابىر. نورۋېگىيە.
RFA/Hebibulla Izchi

نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە تەخمىنەن ئالتە مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى يىللاردىن بېرى نورۋېگىيەدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيەلەش، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كومىتېت ئەزالىرى ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، يەرلىك ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.