28-ماي «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ تارىختا تۇنجى قېتىم دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە خىتايدىكى باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن قانۇن لايىھەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەنە ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
8-ئىيۇن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى «دەۋر» ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلدى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ دىنىي زىيانكەشلىككە چېتىشلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش، ئۇلارنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى ماقالىسىدە يېقىندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ئىچكى قىسمىدا قالايمىقانچىلىقلار چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنىلا ئامېرىكانىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا ھىمايىسىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس. دەرۋەقە، ئامېرىكا خەلقنىڭ دىققىتى بۇ سەۋەبتىن بۇرىلىپ كېتىۋاتىدۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئادالەت مەسىلىسىدۇر.»
مەزكۇر ئوبزورغا ئاساسلانغاندا، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشتا جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئىقتىسادى جازا ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قويالايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تەھدىتى ۋە پاراكەندىچىلىكىدىن قوغداش ھەققىدە دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ قانۇن يەنە ئامېرىكادىكى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە دوكلات تەييارلاشنى، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانىنى رەسمىي ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلالايدىكەن.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى خىتايدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش مەسىلىسىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ قانۇن ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چەكلىيەلمىسىمۇ، لېكىن خىتايغا كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئەلۋەتتە جازا قانۇنى ئەمەس، لېكىن بۇ قانۇن رەسمىي ئىجرا بولغاندا، ئۇنىڭ خىتايغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ.»
ئوبزوردا يەنە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى قانۇن لايىھەسى- «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئالاقىدار مەزمۇنلارمۇ تىلغا ئىلىنغان. بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ئامېرىكا تاموژناسى ۋە ئامېرىكا چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنى «مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى» دەپ بىر تەرەپ قىلالايدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى ھەرقانداق بىر ئامېرىكالىق ئىستېمالچىنى ئادالەتسىز ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇيۇملارنى ئىشلىتىشتىن ساقلاپ قالىدىكەن.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئامېرىكالىقلارنىڭ «ھەرقانداق بىر خەلق ياكى ئىجتىمائىي توپلۇق تارىخىي، دىنىي ۋە ئىرقىي سەۋەبلەردىن كوللىېكتىپ ھالدا جازالانماسلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولماسلىقى كېرەك،» دېگەن چۈشەنچە بىلەن چوڭ بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكادىكى مۇھىم بىر تېمىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكادا پارتىيە، سىنىپ، ئىدېئولوگىيە ئايرىماستىن ھەممە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. شۇڭا ‹ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى› نىڭ ئىجرا بولىدىغانلىقىغا نىسبەتەن ئۈمىدىم زور.»
ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ۋاشىنگتوننىڭ يېقىنقى يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، پرېزىدېنت ترامپ مەزكۇر ‹قانۇن لايىھەسى› گە قايسى شەكىلدە بولمىسۇن، چوقۇم ئىمزا قويىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»
0:00 / 0:00