سابىق كارخانىچى نۇرمەمەت ئابدۇللا: «لاگېردىكى قېرىنداشلىرىم ھەققىدە خىتايدىن ھېساب سوراشنى توختاتمايمەن»

0:00 / 0:00

ئىلگىرى ئۈرۈمچى، يىۋۇ، شېنجىن، خوڭكوڭ ۋە ئىستانبۇللاردا شىركەت قۇرغان ۋە تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ بەلگىلىك ئىگىلىك تىكلىگەن، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىز قوغلاپ پۇتلىكاشاڭ قىلىشى بىلەن بۈگۈن بىر سىياسىي پاناھلانغۇچىغا ئايلانغان سابىق كارخانىچى نۇرمەمەت ئابدۇللا مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا تۇتقۇندىكى قېرىنداشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ بىر قېرىندىشىنىڭ لاگېردىن چىقىپ جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە خىتاي تەرەپتىن قېرىنداشلىرى ھەققىدە ھېساب سوراشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نۇرمەمەت ئابدۇللا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۆپ ساندىكى كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئوخشاشلا ئۆزى ئوقۇغان ۋە ئۆزى مۇتەخەسسىسى بولغان كەسپى بىلەنلا شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رېئاللىق بۇنىڭغا يول قويمىغان. بولۇپمۇ ئۇ 4 قېرىندىشى ۋە ئىككى جىيەنىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئەكېتىلگەنلىكى، بۇلاردىن بىرىنىڭ لاگېردىن چىقىپ 3 كۈندىن كېيىن جان ئۈزگەنلىك ئۇچۇرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھايات يولىنى قايتىدىن تەڭشەشكە مەجبۇر بولغان.
نۇرمەمەت ئابدۇللا بۈگۈنگە قەدەر جەمئىيەت ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قىلىشنى توغرا تاپقان بولسا، ئەمدىلىكتە زۆرۈر تېپىلسا سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشكە قارار بەرگەن.
خىتايدىكى مەزگىلىدە ھېچقانداق بىر دۆلەت ياردىمىگە تايانماي تۇرۇپ بەش شەھەردە شىركەت قۇرغان ۋە 7 دۆلەت بىلەن سودا قىلغان نۇرمەمەت ئابدۇللا سىياسىي ساھەدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەكلىك ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ خىتايغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكۈدەك ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چەتئەل تىللىرىدىن ئىنگلىزچە، خىتايچە ۋە ئەرەبچىدىن ئىبارەت ئۈچ تىلنى ياخشى بىلگەن نۇرمەمەت ئابدۇللا ياۋروپاغا يەرلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى تاشقى سودا ئىشىغا قايتىدىن كىرىشىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي تەرەپتىن لاگېردىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئاقىۋىتى توغرىلىق ھېساب ئېلىشنى بولسا ھېچقاچان توختاتمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.