نۇرى تۈركەل: «ئامېرىكانىڭ ئانامنى ئەكېلىشىنى ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىۋاتقان غەمخورلۇقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارايمەن»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە بىلەن ئالىم سېيتوف تەييارلىدى
2024.12.04
nury-turkel-ayshem-mamut-majutjan-turkel ئايشەم مامۇت ئوغلى نۇرى تۈركەل (سولدا) ۋە مامۇتجان تۈركەل بىلەن بىللە
Graphics RFA/Source: REUTERS and X/@nuryturkel

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 2-دېكابىر كۈنى «خىتايدا قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىشنىڭ مەخپىي پىلانى ئىچىدە» ناملىق مەخسۇس خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، دۆلەتلىك خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئانىسى ئايشەم مامۇت خانىمنى ئامېرىكاغا ئەكەلگەنلىكىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئايشەم مامۇت خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆرسەتكەن بىر قاتار دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنىس ئەپەندىنىڭ بىۋاسىتە ئۇزىتىپ قويۇشى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە يەنى، 27-نويابىر كۈنى ئامېرىكاغا يېتىپ كېلىپ، 20 يىلدىن بېرى كۆرۈشەلمىگەن ئوغۇللىرى بىلەن جەم بولغان.

رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى دىرېكتورى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ ھاياجانلىق خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاق سارايدىن ئاپىسىنىڭ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئالغاندىن كېيىنكى ھېسسىياتلىرىنى تەسۋىرلەپ، بۇنىڭ ئۆزىگە ھېلىھەم بىر چۈشتەك بىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس (Nicholas Burns) (ئوڭدا) ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئانىسى ئايشەم مامۇت بىلەن بىللە.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس (Nicholas Burns) (ئوڭدا) ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نۇرى تۈركەلنىڭ ئانىسى ئايشەم مامۇت بىلەن بىللە.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئاپىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى بىلەن تېكساس شىتاتىدىكى بىر ھەربىي ئايرودۇرۇمغا قونۇشى ۋە ئۇ يەردە بىر ھەربىي قوماندان تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىپ ئۆزىگە سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىلىشىگە قەدەر بولغان بۇ جەريانلارنىڭ ئۆزىدە ھەم خۇشاللىق ھەم بىر ئامېرىكا پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن چەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ئاكتىپلارنىڭ بىرى بولۇشى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى خېلى بۇرۇنلا يەنى 2006-يىلىدىلا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پاسپورتلىرىنى تارتىۋالغان. 2015-يىلى خىتاي دائىرىلىرى نۇرى تۈركەلنىڭ دادىسىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ، تۆت ئوغلى بىلەن قىسقا مۇددەت كۆرۈشۈشىگە يول قويغان بولسىمۇ، ئاپىسىنىڭ بېرىشىغا يول قويمىغان. نۇرى تۈركەل ئۆزىنىڭ ئاپىسى بىلەن جەم بولۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھېكايىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ.

نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان نۇرى تۈركەلنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى ۋە ھەمدە ئۇنىڭغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمىنى كۈچەيتىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى كۈچەيتىشىگە يول ئاچقان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرى نۇرى تۈركەلنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىنى نۇرى تۈركەلنىڭ ۋە ھەمدە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ تەرىپلىگەن. خەۋەردە، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا ئايشەم مامۇت خانىمنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىنغان.

نۇرى تۈركەل رادىيومىزغا بەرگەن سۆھبىتىدە، ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىلگەن غەمخورلۇقنىڭ نىشانى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىدە ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇشنىڭ بىر ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئاتا-ئانا ھەسرىتى چېكىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلاردىكى جۇدالىق ھەسرىتىنىڭ مۇشۇنداق گۈزەل بىر نەتىجە بىلەن ئاياغلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئادۋوكات نۇرى تۈركەل سۆزىنىڭ ئاخىرىدا 20 يىلدىن بېرى ئۈمىدىنى ۋە ئىشەنچىنى يوقاتمىغان، شۇنىڭدەك بىر كۈنمۇ ئۆزىنىڭ ھالىدىن شىكايەت قىلىپ باقمىغان ئانىسى ئايشەم خانىمغا بولغان مىننەتدارلىقىنىمۇ ئىپادە قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەھبۇس ئالماشتۇرۇشقا كېلىشكەن. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۈچ نەپەر ئامېرىكا پۇقراسىنى قويۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئانىسى ئايشەم مامۇت خانىمنىڭ ھەم شۇنداقلا، يەنە بىر نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ئۇيغۇر ئەرنىڭ قىزى بىلەن بىللە ئامېرىكاغا كېتىشىگە قوشۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.