بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىش باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-05-24
Share
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىش باشلاندى گېرمانىيەدە باشلانغان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 22-ماي، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

گېرمانىيەدە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىش باشلاندى.

22-ماي گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدىكى ئاۋات ساياھات مەركىزى بولغان ئودىئونس مەيدانىدا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى تۇرۇش نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ نامايىش ميۇنخېن شەھرىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ھەمدە گېرمانىيەنىڭ باشقا چوڭ شەھەرلىرىدە ھەر شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 2022-يىلى فېۋرال ئايلىرىغىچە 10 ئاي داۋاملىشىدىكەن. تۇنجى قېتىملىق نامايىش 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ميۇنخېن شەھرىنىڭ ساياھەت ھەم سودا مەركىزى بولغان مەريەم مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ نامايىشلارغا گېرمانىيە ۋە باۋارىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىمۇ قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىپ، مەكتۇپلار ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدە باشلانغان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 22-ماي، ميۇنخېن.

22-ماي ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ نامايىشنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنىڭ ناھايىتى زور بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە بۈگۈنكى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ئودىئونس مەيدانىنىڭ تارىخى ھەققىدىمۇ قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.

نامايىش جەريانىدا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ياشاۋاتقان 10 مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 4 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانا، قەۋمى-قېرىنداشلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ زالىم خىتاي ھاكىمىيىتى 2022-يىلى ئۆتكۈزمەكچى بولغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

گېرمانىيەدە باشلانغان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 22-ماي، ميۇنخېن.

نۆۋەتتە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى ئامېرىكاغا ئوخشاش بەزى غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدا بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەتلەر يېزىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنى يوقلىقىنى، كېلەر يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇسابىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت