د ئۇ ق تۈرك ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

1-ئاينىڭ 4-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىكنى دىپلوماتىيەلىك بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. باياناتتا يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «بىز تۈركىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭغا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ھەيئەت ئەۋەتىشىنى، تەنتەربىيەچىلەرنىڭ ئۆز ئارزۇسى بىلەن بايقۇت قىلىشىنى، تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى تارقاتماسلىقىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئەنقەرەدە چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، ئاخبارات باياناتى ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلخەمىت قاراخان ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بۈگۈن بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دىپلوماتىيەلىك بايقۇت ئېلان قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىكقا ساھىبخانلىق قىلىشىنى بىكار قىلىش ياكى كېچىكتۈرۈش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلىپ، ئولىمپىك مەشئىلىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا، كانادا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىيەلىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق مۇسۇلمان دۆلەت ئاۋاز قوشمىغان. تۈركىيە باشتا بارلىق تۈركىي ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرمۇ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ قۇرغان «كېلەچەك» پارتىيەسى مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى، پارتىيەسىنىڭمۇ 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بۇ توغرىلىق چوڭ بىر پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا باشتا بارلىق غېرىب ئەللىرى ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى قارار قىلدى. تۈركىيە ئۇيغۇرلار بىلەن دىنداش، قېرىنداش، مەدەنىيەتداش ۋە تارىخداش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھېچ بولمىسا دىپلوماتىيەلىك بايقۇت قارارى چىقىرىشى كېرەك. بىز 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كېلەچەك پارتىيەسىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچىمىز».

پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركلەرنىڭ قېرىندىشى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەدىن باشقا بىر تايانچىسى يوقلىغىنى، شۇڭا 83 مىليون تۈرك خەلقى نامىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايدا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىنى رەنجىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھەر قايسى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايغا بېرىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى تۈركىيەدە داۋاملىشىدىكەن.