ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە «خىتايدىكى ئ‍ولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش» ناملىق نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-06-23
Share

دۇنيا خەلقىنىڭ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق روھىنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆزىنىڭ بىر ئەسىردىن ئوشۇق تارىخىدا كۆپلىگەن ئىجابىي ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە كەلگەندە دۇنيا مىقياسىدا قارشىلىققا دۇچ كېلىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى دىكتاتورلۇققا يۈزلىنىشى، ئ‍ۇلاردىن قوشنا دۆلەتلەرگە كېلىۋاتقان ھەربىي ۋە دىپلوماتىك خىرىسلارنىڭ ئېشىپ بېرىشى، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان تاشقىي دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن قوشۇلۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرىنى بارغانسېرى يۇقۇرى پەللىگە چىقىرىشقا باشلىدى. بۇ خىل چاقىرىقلارنىڭ ھەممىسىدە بىردەك ئولىمپىك روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان قەبىھ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ بۇنداق بىر شەرەپلىك يىغىلىشقا ساھىبخانلىق قىلىش سالاھىيىتىنىڭ بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. 23-ئىيۇن كۈنى ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردا تەڭلا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش» نارازىلىق نامايىشىدا بۇ نۇقتا تېخىمۇ روشەن ئەكس ئەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تىبەت تەشكىلاتلىرى، موڭغۇل ئۆكتىچىلىرى ۋە خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرى بىرلىكتە تەييارلىق قىلىپ بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن «دۇنياۋىي ئەمەلىي ھەرىكەت كۈنى» تېمىسىدىكى بۇ نامايىش 23-ئىيۇن كۈنى لوزان پارىژ، لوندون، ۋاشىنگتون، تورونتو، سېدنېي، بېريۇسسېل، ستوكھولم، ئوسلو دۇنيادىكى كۆپلىگەن شەھەرلەردە بىر تۇتاش ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكانىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 23-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئاقساراينىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامايىش باشلاندى. بۇ نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن «ئۇيغۇر ھەركىتى»، «ئامېرىكا ئ‍ۇيغۇر بىرلەشمىسى»، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، نامايىش مەيدانىدىكى ئاي-يۇلتۇزلۇق بايراققا جۆر بولغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى لوزۇنكىلار، ئۇلاردىكى «قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسىگە خاتىمە بېرەيلى»، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توختىسۇن» دېگەندەك شوئارلار ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى.

نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرى ۋە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سىياقىدا كىيىنگەن بولۇپ، نەق مەيداننى كۆرگەن كىشىگە لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىپ ئازاپ چېكىۋاتقان مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تولىمۇ جانلىق تەسۋىرلەپ بېرەتتى. يەنە مەھبۇس قىياپىتىدە كىيىنگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭلىك ئولىمپىك ھالقىلىرى ئۈستىدە پۇت-قوللىرى يۈكۈندۈرۈلۈپ ئولتۇرغان ھالىتى چوڭ لوزۇنكىدىكى «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلايلى» دېگەن شوئارنىڭ سەۋەبىنى تىۋىشسىز رەۋىشتە ئىپادىلەيتتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان «ئۇيغۇر ھەركىتى» نىڭ خادىملىرىدىن جۇلىي مىلساپ ئاقساراينىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئورتاق قارشىلىققا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش مۈمكىنلىكىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق جەزمەن مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەرگە يول ئېچىش مۈمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

«راستىنى دېسەم بۇ نامايىش ئارقىلىق ئەڭ ئالدى بىلەن بىزنىڭ بىر ئىتتىپاقداشلىق ئاساسىدا ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى نامايەن قىلدۇق. چۈنكى بۇ نامايىشتىكى ئوخشىمىغان تۈركۈمگە تەۋە كىشىلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئوخشىمىغان خەلقلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار مانا مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە پەيتتە بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ بىز يىللاردىن بۇيان ھېمايە قىلىۋاتقان دېموكراتىيە، ھۆرلۈك ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدىكى سادالارنى بىرلىكتە ياڭراتتى. شۇڭا بۇنى راۋرۇس كۈچلۈك بىر سادا بولدى دېسەك بولىدۇ. چۈنكى بىز ئۆتكەن مەزگىللەردە خەلقئارا جامائەتكە ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا مەۋجۇت بولۇۋاتقان رېئاللىقنى تونۇتۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزىشىگە يول قويماسلىقنى دەپ كەلگەن ئىدۇق. بۈگۈن بولسا بۇ يەردە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى جاكارلىدۇق. شۇڭا بۇنى ئىتتىپاقلىق ئاساسىدىكى تولىمۇ كۈچلۈك بىر سادا، دەپ قارايمەن. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا بىز بۇ سادا ئارقىلىق قىسمەن بولسىمۇ ئۆزگىرىش بەرپا قىلالايمىز. چۈنكى ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بۇ مەسىلىلەر خېلى ياخشى تونۇپ يېتىلگەن بولسىمۇ، ئاق ساراينىڭ بۇ مەسىلىدە خىتايغا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىشى يەنىلا زۆرۈر. مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە فايرفاكىس شەھرىدىمۇ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىش نامايىشى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا مۇشۇ ئىككى خىل يۆنۈلۈشتىكى پائالىيىتىمىز جامائەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جامائەتنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى تونۇشىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.»

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئەلفىدار ئېلتەبىرنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرىشىچە، ئۇلار بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئ‍اكتىپ ئاۋاز قوشۇش بىلەن بىرگە 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقان «مارس» شىركىتىگە نارازىلىق مەكتۇبى تەييارلىغان. شۇنىڭدەك مارس شىركىتىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى ئىشخانا بىناسىغا بېرىپ، شىركەت مەسئۇللىرىغا بۇ ئوچۇق مەكتۇپنى تاپشۇرغان. ئارقىدىنلا لاگېر شاھىدى تۇرسۇناي زىياۋۇدۇن ۋە سابىق سىياسىي مەھبۇس گاۋاڭ ساڭدرول نامىدىن «مارس» شىركىتىنى بۇ خىل سەلبىي قىلمىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان ئاممىۋى چاقىرىققا ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى باشلىغان. مەزكۇر چاقىرىقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە سىياسىي جەھەتتە قانداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى جانلىق ۋە تەسىرلىك قىلىپ پاكىتلار ئاساسىدا بايان قىلىنغان ھەمدە ئۇلارنى «قىرغىنچىلىق مۇسابىقىسىنى قوللاشقا خاتىمە بېرىش» كە دەۋەت قىلغان. نۆۋەتتە بۇنىڭغا ئىمزا قويغانلار ئاللىقاچان 500 گە يېقىنلاپ قالغان.

23-ئىيۇندىكى نامايىش يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ پايتەختى كانبېررا شەھرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشقا ئاۋسترالىيە پارلامېنتېنىڭ ئەزالىرىدىن ئېرىك ئابېتىز، «تىمتاس ئىستىلا» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى كلايىۋ خامىلتون، ئاۋسترالىيە يەھۇدىيلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دېيۋىد ئادلېر قاتارلىق ھەر ساھە كىشىلىرى قاتنىشىپ، شۇ جايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق جامائەت بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئېرىك ئابېتىز بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى كەسكىن تەنقىدلىدى ھەمدە «بۇنداق بىر دۆلەت قانداقمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە لايىق كەلسۇن؟» دەپ سوئال قويدى.

نەق مەيداندىكى نامايىش ھەققىدە رادىيومىزغا مەلۇمات بەرگەن ئاۋسترالىيە ئ‍ۇيغۇرلىرىدىن بەختىيار بۆرە ئەپەندى بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، بۇ نامايىشنىڭ كانبېررا شەھرىدىن باشقا يەنە سىدنېي، ئادېلايد قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش تېمىسىدا 23-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنياۋى كۆلەمدىكى نامايىش مۇھاجىرەتتىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ھەققانىيەتنى ھېمايە قىلىش ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىدەك رېئاللىقنى جانلىق تونۇشتۇردى. نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى نامايىشلار ۋە نارازىلىقلارنىڭ مۇئەييەن نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت