3-قېتىملىق «روبوت كۆرگەزمىسى» پائالىيىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى
2021.09.21

19-سېنتەبىر كۈنى، تۈركىيەدىكى «UyghurSTEM گۇرۇپپىسى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ 3-قېتىملىق روبوت كۆرگەزمىسى ئىستانبۇل سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى(SETA) نىڭ يىغىن زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى، ئاتا-ئانىلار، تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قەدەم تەشرىپ قىلدى.
پائالىيەتتە «UyghurSTEM گۇرۇپپىسى» نىڭ روبوت ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرى كۇرسىدىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ياساپ چىققان تېخنىكا ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇردى.
ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئېلىم-پەن ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.
مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تىلەكداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيەدىكى «UyghurSTEM گۇرۇپپىسى» ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەبىئىي پەن، تېخنىكا قىزغىنلىقىنى قوزغاش، ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا روبوت، ۋە ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە 2019-يىلى مەمتىمىن نۇرىدىن تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن ئېتىبارەن STEM مائارىپى ئەندىزىسى بويىچە كومپيۇتېر، روبوت، پروگرامما تىللىرى، ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەر بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىپ كەلمەكتە. «UyghurSTEM گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغاندىن بۇيان كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرسلىرى بويىچە، 350 كە يېقىن ئوقۇغۇچى تەربىيەلىگەن. «UyghurSTEM گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى مەمتىمىن نۇرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بىز داۋاملىق ھالدا تەبىئىي پەن، ماتېماتىكا، كومپيۇتېر پروگرامما بىلىملىرى ھەققىدە بالىلارنى ئاساس قىلغان، چوڭلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دەرس ۋە پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن بىلىم، تېخنىكا ئۆگىنىدىغان ۋە ئورتاقلىشىدىغان بىر سۇپا شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىمىز. بىز روبوت ۋە پروگرامما تىللىرى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇيغۇر بالىلار ئارىسىدا بىر ئېقىم ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە، تەبىئىي پەن دەرسلىرىمىز ئارقىلىق ئىلىم-پەن ھەۋەسكارلىرىنى كۆپەيتىشكە، تېخنىكا كۆرگەزمىلىرىمىز ئارقىلىق بالىلار ئۆزلىرىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز.»
مەزكۇر پائالىيەتتە ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان ياش ئۆسمۈرلەردىن UyghurSTEM كومپيۇتېر پروگرامما تىللىرى ۋە روبوت كۇرسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زەھرا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېخنىكا ۋە ئېلىم-پەن جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ئەھۋالىغا ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.