فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1992 - يلىدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا تاجىكىستانغا مەزكۇر ساھە بويىچە ياردەم بېرىپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاجىكىستاننىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى ئۈچۈن 18.8 مىليون دوللار ئاجراتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، "بىز تاجىكىستان بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنى داۋاملاشتۇرماقچىمىز، شۇڭا بىز تاجىكىستاننىڭ تېررورچىلىق، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە باشقا مەسىلىلەرگە قارشى كۈرەشكە قوشقان تۆھپىسىنى قەدىرلەيمىز" دەيدۇ.
ئامېرىكا ئاجراتقان 13 مىليون دوللارنىڭ بىۋاسىتە ئىشلىتىلىش دائىرىسى بېكىتىلگەن بولۇپ، 2 يېرىم مىليون دوللار تاجىكىستاننىڭ چېگرا مۇداپىئە ئاكادېمىيىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە، 3 مىليون دوللار زەھەرلىك چېكىملىكتىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا ئاجرىتىلغان.
تاجىكىستاننىڭ ئاسىيا پلۇس مەتبۇئاتىنىڭ يېزىشىچە، ھازىر ئامېرىكا تاجىكىستانغا ھەر يىلى 40 مىليون دوللار ئەتراپىدا ياردەم قىلماقتا. بۇ ياردەملەر بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم ساقلىقنى ساقلاش، مائارىپ ئىشلىرىنى كۈچەيتىشتە رول ئوينىماقتا.
تاجىكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان تاغلىق دۆلەت. تاجىكىستان ئۆز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە، خىتاي، ئىران ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان ھەربىي - سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە، نۆۋەتتە، تاجىكىستاندا رۇسىيە ھەربىي بازىسى مەۋجۇت.