پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىدە ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىغا مەخسۇس يەر ئاجرىتىلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.03.11
پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىدە ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىغا مەخسۇس يەر ئاجرىتىلدى پارىژ شەھەرلىك مەجلىسىدە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىغا پارىژ شەھەر مەركىزىدىن يەر بېرىش ئىلتىماسى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى.
«Yawropa Uyghur Instituti» tor bétidin élindi

فىرانسىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 2009-يىلى «ئوغۇز» نامىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرغان بولۇپ، ئۇلار 2019-يىلى بۇ ئۇيۇشمىنى رەسمىي ھالدا «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نامىدا ئەنگە ئالدۇرغان.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇلار ئىنستىتۇتنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلدۇرالىشى ئۈچۈن پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئىنستىتۇتقا پارىژ شەھىرى ئىچىدىن مۇۋاپىق بىر يەر ئاجرىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇ ئىلتىماس 9-مارت كۈنى پارىژ شەھەرلىك مەجلىسىدە تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.

پارىژ شەھىرىنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىجتىمائىي ئەسلىھەلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئانۇچ تورانىيەن خانىم ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئارنود نىگاچا ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ تىۋىتتىر ھېسابىدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىغا پارىژ شەھەر مەركىزىدىن ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ئانۇچ تورانىيەن خانىم ئۆزىنىڭ تۋىتتىر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «ئارنود نىگاچا ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دىلنۇر رەيھان خانىم بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، پارىژدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاش ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىنغان بۇ قاراردىن ھەم خۇشال بولدۇم، ھەم پەخىرلەندىم».

ئارنود نىگاچا ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ تۋىتتىر ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «كىشىلىك ھوقۇق پايتەختى ۋە كۆچمەنلەرگە قۇچاق ئاچىدىغان شەھەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پارىژ شەھەرلىك مەجلىس ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىغا بىر ئورۇن ئاجرىتىش ئارقىلىق مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىنى، ئىززىتىنى قوغداش ئارزۇسىنى ماقۇللىدى. شۇنىڭ بىلەن پارىژ دۇنيادىكى مۇشۇ خىلدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئېچىلغان تۇنجى شەھەر بولۇپ قالىدۇ».

ئانۇچ تورانىيەن خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىلگىنىڭىزدەك پارىژ شەھىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئەنئەنىسى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بۇ قارار ئارقىلىق پايتەختىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش شەھىرىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا پارىژ شەھىرى بۇ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قوللاش ئارقىلىق بۇ مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ».

فىرانسىيەنىڭ داڭلىق سىياسىي ھەپتىلىك ژۇرنىلى «كۆزىتىش» (لبوس) نىڭ ئالدىنقى ھەپتىلىك سانى ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا «يوشۇرۇن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» دېگەن سۆزلەرنى چوڭ ھەرپلەر بىلەن يېزىش ۋە ئىچىدىكى مەزمۇنلاردا ئاساسەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭىلىتىش ئارقىلىق فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنىدى.

ئانۇچ تورانىيەن خانىمدىن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا دۇنيادىكى تۇنجى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىنستىتۇتقا بۇ خىل ئىمتىيازنىڭ بېرىلىشى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنى ئامېرىكا ۋە باشقا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن دۆلەتلەرگە ئوخشاش «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇش ئېھتىماللىقى ۋە پارىژ شەھىرىنىڭ «ئۇيغۇرلار بىلەن سەپداشلىق» قۇرغان باشقا فىرانسىيە شەھەرلىرىگە قوشۇلۇپ، بۇنىڭغا ئىمزا قويۇش-قويماسلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «سەمىمىي ئېيتقاندا قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشقا ئىمزا قويۇشىدا 50 پىرسەنت ئۈمىد بار دېيىش مۇمكىن. لېكىن بۇ مېنىڭ خىزمەت دائىرەمدىن ھالقىپ كەتكەن سوئال بولغانلىقى ئۈچۈن جاۋاب بېرەلمەيمەن. لېكىن پارىژ شەھەر باشلىقى ئەلۋەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدۇ».

دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ قارارنىڭ فىرانسىيەنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن باسقان بىر قەدىمى ئىكەنلىكىنى، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ناھايىتى سەزگۈر بولغان فىرانسىيەنىڭ ئەگەر جاسارەت قىلسا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تېخىمۇ چوڭ قەدەملەرنى ئالالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە بۇ قارار ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، پارىژ شەھىرىنىڭ بۇ قارارىدىن خۇشال بولغانلىقنى ۋە پەخىرلەنگەنلىكىنى يېزىش بىلەن بىرلىكتە، پارىژ شەھىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن سەپداشلىق نىزامنامىسىگە ئىمزا قويغان شەھەرلەرگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى يەنە بۇ ئىنستىتۇتنىڭ مۇنداق 10 تۈرلۈك پىلانلىرىنى ئورتاقلاشقان:

1. فىرانسىيە ۋە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنى ئىنستىتۇت ئەتراپىغا يىغىپ، ئىلمىي، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش

2. فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، فىرانسىيە جەمئىيتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا ياردەمدە بولۇش

3. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئوقۇشى، خىزمىتى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا ياردەمدە بولۇش

4. ياۋروپادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە مۇنازىرە، يىغىن ۋە باشقا ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش

5. ئۇيغۇرچە نەشرىيات قۇرۇش، ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى توپلاش، شۇنداقلا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى فىرانسۇزچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش

6. بالىلار ۋە چوڭلار ئۈچۈن پارىژ ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئېچىش

7. ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىش

8. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان چايخانا ئېچىش

9. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاش

10. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن مەھسۇلاتلار دۇكىنى ئېچىش

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.