قازاقىستاننىڭ ئەمگەكچى قازاق ناھىيىسى بايسېيىت يېزا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان 40 يىللىق پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «يەتتەسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» دە مۇزىكا يېتەكچىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ كېلىۋاتقان مۇزىكا ئۇستازى ئەزىز تۇردىيېف ئەپەندى 2020-يىلى 20-مارت كۈنى 78-يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئەزىز تۇردىيېف قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتى بايسېيىت يېزىسىدا 1942 يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان. ئۇ قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ساھەسىدە 40 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ ئىشلىگىنىگە قارىماي، پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، يەنى 2016-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ ئەنگىليەدىكى ئاگاخان فوندىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بايسېيىتتا قۇرۇلغان «يەتتىسۇ مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ياش شاگىرتلىرىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئەستايىدىل تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ 20-مارت كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولۇشى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى مۇسىبەتكە چۆمدۈرگەن.
مەرھۇم ئۇستاز ئەزىز تۇردىيېۋ كۆپ قىرلىق سازەندە ۋە مۇزىكا ئىجايەتچىسى بولۇپ، ئۇ دۇتار، تەمبۈر، ساتار قاتارلىق تۈرلۈك ئۇيغۇر چالغۇلىرىغا ماھىر سازەندە ۋە مۇقام ئۇستىسى ئىدى. ئۇ بىر ئۆمۈر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مائارىپى، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مېھرى ئىسسىق يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى يېشى 70 تىن ئاشقاندا ئورۇندىغان «بايسېيىت» ناملىق ئىجادىي ناخشىسى بىلەن ئىپادە قىلغان ئىدى.
رادىيومىز «يەتتەسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» يېڭى قۇرۇلغان چاغدا، يەنى 2016-يىلى نويابىردا ئەزىز ئاكىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ تەربىيەلەشكە باشلىغان نوتىلار ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى سازلىرىنى ئەمدىلا ئۆگىنىشكە كىرىشكەن ئىدى.
ھالبۇكى، ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئەزىز ئاكىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىجتىھات بىلەن مۇزىكا ئۆگىتىشى، بولۇپمۇ يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇزىكا پەدىلىرى ۋە ئاھاڭلىرى ھەمدە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى زېرىكمەي ئۆگىتىشى نەتىجىسىدە بۇ نوتىلار تۇنجى بەرگەن كونسېرتىدا نەتىجە كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇلار شۇندىن كېيىنكى كونسېرتلاردا ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى رەسمىي سازەندىلەردىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە بىمالال ئورۇنداپ، بايسېيىتتىكى جامائەتنى قايىل قىلغان ئىدى. ئۇلار يەنە بۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئاگاخان فوندىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدا قۇرغان مۇزىكا مەكتىپىنىڭ داۋام ئېتىشىگە بولغان ئۈمىدىنى ئاشۇرغان ھەمدە بۇ مەكتەپنىڭ كېيىنكى ئوقۇش يىللىرىغا مەبلەغ ئاجرىتىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى.
«يەتتەسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان زاكىر مۇرات مۇئەللىم پېشقەدەم سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئەزىز ئەپەندىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇستازىنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئۆز يۇرتى ۋە ئۇيغۇر مۇزىكا مائارىپى ئۈچۈن تولدۇرغۇسىز بىر يوقىتىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بايسېيىت ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ سابىق مۇدىرى دۆلەتوف ئابدۇمۇھەممەت ئۇستاز ئەزىز تۇردىيېۋنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا قوشقان تۆھپىسىنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ، «ئۇستاز ئەزىز ئاكا يۇرتىمىزنىڭ پەخرى ئىدى،» دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەزىز ئاكا ئىشلىگەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا ئوقۇشلۇقى يالغۇز ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى قازاق مەكتەپلەرنىڭمۇ مۇھىم ئوقۇتۇش ماتېرىيالى سۈپىتىدە قوللىنىپ كېلىنگەن ئىكەن.
لوندوندىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتچىسى دوكتور راچەل خاررىس خانىملار «يەتتەسۇ ئۇيغۇر مۇزىكا مەكتىپى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە كۈچ چىقارغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئەزىز ئەيسا ئەپەندى «يەتتىسۇ مۇزىكا مەكتىپى» نامىدىكى سەنئەت تەربىيە پروگراممىسى باشلانغاندىن بۇيان ئۇنىڭ نەتىجىلىك داۋام ئېتىشىدە مەرھۇم ئەزىز تۇردىيېفنىڭ زور كۈچ چىقارغان ئۇستاز ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00