ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايك پومپېيو 11-دىكابىر چۈشتىن كېيىن «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش شىتابىدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشى ھەققىدە سۆز قىلدى. يىغىنغا ئامېرىكا يەر شارى تاراتقۇ ئورگىنى (USAGM) باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مايكول پەك (Michael Pack)، «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ دىرېكتورى روبېرت رېللى (Robert. R. Reilly) ۋە باشقا مۇناسۋەتلىك خادىملار قاتناشتى.
مايك پامپېيو سۆزىدە ئامېرىكا دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيان پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداپ كەلگەنلىكىنى، «ئامېرىكا ئاۋازى»، «ئەركىن ئاسىيا» قاتارلىق رادىيولارنىڭ بۇ ساھەدە ئاۋانگارتلىق رولىنى ئويناپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىنسانلارغا ھەقىقىي خەۋەر-ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ، مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ قاتمۇ قات توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئەركىنلىك ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
مايك پومپېيو نەچچە ئون يىلدىن بۇيان «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسى ئىشلىگەن خەۋەرلەرگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 1980-يىللىرى غەربىي گېرمانىيەدە ئەسكەرلىكتە تۇرغان مەزگىلىدىلا بۇ رادىيو بىلەن كۆڭۈل رىشتىسىنىڭ باغلانغانلىقىنى، شۇ چاغدا غەربىي گېرمانىيە بىلەن شەرقىي گېرمانىيەنى «بېرلىن تېمى» توسۇپ تۇرسىمۇ «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بۇ توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئاڭلىيالمايدىغان شەرقىي گېرمانىيە خەلقىگە ھەقىقەت ئاۋازىنى ئاڭلىتالىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: «خەۋەر دېگەندە ياخشى خەۋەرمۇ بولىدۇ، يامان خەۋەرمۇ بولىدۇ؛ ئەمما مەن راست گەپ قىلىمەن، راستچىللىقنى ياخشى كۆرىمەن. ئوغلۇم چوڭ بولغىچە ئۇنىڭغىمۇ تىرىشچان بول، ئېتىقادىڭدا چىڭ تۇر، راست گەپ قىل دەپ تۇرىمەن. دېگەنلىرىمگە ئالدى بىلەن ئۆزۈم ئەمەل قىلىمەن. بۇنىڭ ئۇنىڭغا ۋە ئۆزۈم ياخشى تونۇيدىغان كىشىلەرگە كۆپ پايدىسى بولدى. بۈگۈنكى دۇنيا ‹ئامېرىكا ئاۋازى› نىڭ ئەركىنلىك چاقىرىقىغا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك مۇھتاج. مەن قاچان، قەيەرگىلا بارسام ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرالىشىم كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ راستچىللىقى ئامېرىكىچە ئالاھىدىلىكنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بۇ ناھايىتى مۇھىم.»
مايك پومپېيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىدىنلا ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى، بۇ تەبىئىي ھوقۇق، يەنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان دىنىي ئەركىنلىك، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدە ئورنىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار دۇنيادا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. سىلەر دۇنيانىڭ زۇلمەتلىك جايلىرىدا ئاۋازىنى چىقىرالمىغانلارنىڭ ئاۋازى بولۇڭلار، سىلەر كۈرەش قىلىۋاتقان ئامېرىكالىقلارنىڭ ۋە دۇنيادا ئالاھىدە ئورنى بولغان ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئاۋازى بولۇڭلار.»
مايك پومپېيو «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە ۋەكىللىك قىلىشى، باشقا بەزى مېدىيالارغا ئوخشاش تەرەپبازلىق قىلىدىغان ياكى نوقۇل ھالدا ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان قورال بولۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك غايىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇلارنى دېيىشىمدىكى سەۋەب، مەن بۇ ئورگان ۋە بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشىگە تىلەكداشمەن. چۈنكى سىلەر ئامېرىكانىڭ نۇرىنى دۇنيانىڭ ئەڭ قاراڭغۇ جايلىرىغا يەتكۈزۈشتە ھالقىلىق رول ئوينايسىلەر. ‹ئامېرىكا ئاۋازى› نىڭ خىزمىتى مۇھىم، چۈنكى ئۇ ئەركىنلىكنى ئەڭ كۆپ تەشۋىق قىلىدۇ، ھەر ھەپتىدە 200 مىليون 780 مىڭ كىشى ئۇنىڭدىن 47 خىل تىلدا خەۋەر ئاڭلايدۇ.»
مايك پامپېيو يەنە كوممۇنىست خىتاي، شىمالىي كورىيە، ۋېنسۇئىلا ۋە موللىلار كونتروللۇقىدىكى ئىرانغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەردە قامال قىلىنغان پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، ئىنسانلىق ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىدىغان تۈزۈمنىڭ ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشى بىلەن تامامەن زىت ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكادا ھۆكۈمەت خەلق ئۈچۈن ئىشلىسە، مۇستەبىت دۆلەتلەردە خەلقنىڭ ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى ۋە بۇ چىرىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىپ، پۇقرالىرىنى بېكىنمە ھالەتتە باشقۇرىدىغانلىقىنى، ئەركىنلىككە تەشنا ئىنسانلارنىڭ «ئامېرىكا ئاۋازى» دىن ھەقىقەت ۋە ئۈمىد نۇرى ئىزدەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
مايك پامپېيو سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا مىقياسىدا بىردىنبىر ئۇيغۇرچە خەۋەر ئاڭلىتىش ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە ئولتۇرغانلار بەلكىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ جىنايەت بۇ ئەسىرلىك ئار-نومۇستۇر، ئېرىماس داغدۇر. ئۆتكەن مەزگىلدە كوممۇنىست خىتاي ئاز دېگەندە ئالتە مۇخبىرنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلدى. شىنجاڭدا لاگېرغا سولاش داۋام قىلماقتا، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىڭلار مۇشۇ خىزمەتنى قىلغىنىڭلار ئۈچۈنلا تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار پىداكارلىق ۋە جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى سىلەر دۇنيانىڭ ئەڭ خەتەرلىك، ئەڭ قاراڭغۇ جايىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئەينەن خەۋەر قىلىسىلەر. تۆۋەندىكى بىر جۈملە سۆز مېنىڭ بۈگۈن دېمەكچى بولغانلىرىمنى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. جورج ۋاشىنگتون مۇنداق دېگەن: ‹بىز ھەق سۆز ئارقىلىق دۇنيانى يورۇتساق، ھەقىقەت ئاخىر دۇنيادىكى ئىنسانلار ئورتاق چىڭ تۇرىدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ›.»
ئاخىردا مايك پومپېيو «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ دىرېكتورى روبېرت رېللىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ بۇ جاۋابلىرىدا ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئىككى يىللىق خىزمەتلىرىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، پۈتۈن دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولىدىغان كۈرەشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «خىتاي كومپارتىيەسى تا ھازىرغىچە ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرگىلى قويمايۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار خىتاي قامال قىلىۋالغان خەۋەرلەرنى ياكى يوشۇرۇپ كەلگەن ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش. خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھازىر ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيەنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، مەن كېلەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.