مايك پومپېيونىڭ تارىخىي نۇتقى- «كوممۇنىست خىتاي ۋە ئەركىن دۇنيانىڭ كېلەچىكى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.07.24
pompeo-speech.jpg ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەپەندى «نىكسون پرېزىدېنت كۇتۇپخانىسىدا» سۆزدە. 2020-يىلى 23 ئىيۇل.
AP

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 23-ئىيۇل كۈنى «كوممۇنىست خىتاي ۋە ئەركىن دۇنيانىڭ كېلەچىكى» ماۋزۇلۇق مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ، «تارىخىي نۇتۇق» دەپ باھالىنىۋاتقان بۇ نۇتقىنى كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان «نىكسون پرېدېنت كۈتۈبخانىسى» دا سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەزكۇر نۇتقى يېقىندا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرىئېن، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى باشلىقى كرىستوفىر ۋراي ۋە باش تەپتىشى ۋىليام باررنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مۇھىم سۆزلىرىدىن كېيىنكى 4-نۇتۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مايك مومپېيو بۇنىڭ خىتاي ھەققىدىكى خۇلاسە خاراكتېرلىك نۇتۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مايك پومپېيو مۇنداق دېدى: «مېنىڭ مەقسىتىم ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن ھەممىنى بىر يەرگە توپلاپ، خىتاي تەھدىتىنىڭ بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز، ئەركىنلىكىمىز ۋە جۈملىدىن دۇنيادىكى ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلىشتۇر.»

مايك پومپېيو نۇتقى داۋامىدا، سابىق پرېزىدېنت نىكسوننىڭ «خىتاي ئۆزگەرمىگۈچە، دۇنيا بىخەتەر بولمايدۇ» دېگەن كۆز قاراش بىلەن خىتايغا ئىشىكنى كەڭ ئاچقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ: «ئۇ ۋاقىتلاردا دۇنيا باشقىچە ئىدى. بىز خىتاي بىلەن ئالاقە ئورنىتىش بىزگە ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى پارلاق كەلگۈسىنى ۋەدە قىلىدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلدۇق. بىراق بۈگۈن ھەممىمىز يەنىلا ماسكا تاقاپ، يۇقۇم زامىن بولغان جانلار سانىنىڭ ئېشىشىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇۋاتىمىز. بۇنىڭغا خىتاي كومپارتىيەسى دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماسلىقى سەۋەب بولدى. بىز ھەر كۈنى ئەتىگەندە خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭدىكى باستۇرۇشقا ئائىت يېڭى خەۋەرلەرنى ئوقۇۋاتىمىز. بىز خىتاينىڭ سودىنى سۇيىئىستېمال قىلىشىنىڭ ئامېرىكادىكى خىزمەت پۇرسەتلىرىگە ۋە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە قانچىلىك زور زىيان يەتكۈزگەنلىكى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈۋاتىمىز، بىز بارغانسېرى زورىيىپ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان خىتاي ئارمىيەسىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارىي نۇرىي تۈركەل ئەپەندى بۇ يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بىزگە بۇ نۇتۇقنىڭ سابىق پرېزىدېنت نىكسونغا ئائىت كۇتۇپخانىدا قىلىنىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈردى. ئۇ: «بۇ نۇتۇق تارىخىي بىر نۇتۇق، ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئىپادىسى»، دەپ پومپېيونىڭ نۇتۇقىغا باھا بەردى.

مايك پومپېيو سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ئىلگىرى خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى «قارىغۇلارچە ئېلىپ بېرىلغان» دەپ ئاتىدى ۋە «بىز چوقۇم كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ۋە نەچچە ئون يىلدا بىزگە يېتەكچىلىك قىلىشى زۆرۈر بولغان ئاچچىق ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز شى جىنپىڭ چۈشى ھۆكۈمران بولغان 21-ئەسىر ئەمەس، ئەركىن 21-ئەسىرگە ئېرىشىمىز دەيدىكەنمىز، خىتاي بىلەن قارىغۇلارچە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كونا پەدە بىلەن ئىش قىلىشنى داۋاملاشتۇرماسلىقىمىز، ئۇنىڭغا قايتماسلىقىمىز كېرەك.» دېدى.

ئۇ يەنە: «پرېزىدېنت ترامپ ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، بىز ئامېرىكا ئىقتىسادىنى، شۇنداقلا بىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيىگە موھتاج. ئەركىن دۇنيا چوقۇم بۇ يېڭى زۇلۇم ئۈستىدىن غالىب چىقشى كېرەك»، دەپ ئەسكەرتتى.

مايك پومپېيو سۆزى داۋامىدا سابىق پرېزىدېنت نىكسوننىڭ «خىتاي ئۆزگەرمىگۈچە، دۇنيا بىخەتەر بولمايدۇ» دېگەن ئىدىيە بىلەن خىتايغا كەڭ قۇچاق ئاچقانلىقىنى، ئۇ ۋاقىتلاردا سىياسەتچىلەرنىڭ خىتاي گۈللەنگەنسېرى ئەركىنلىشىدۇ، دۇنيا بىلەن ياخشى ئۆتىدۇ، دېگەن پەرەز بىلەن خىتاينى ھەر جەھەتتىن يۆلىگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى. بىراق ئۇ: «ھەقىقەت شۇكى، بىز ۋە بىزگە ئوخشاش باشقا ئەركىن دۆلەتلەر خىتاينىڭ مەغلۇپ بولغان ئىقتىسادىنى تىرىلدۈردى، لېكىن ئاقىۋەتتە بېيجىڭنىڭ ئاش بەرگەنگە مۇش بەرگەنلىكىنى كۆردى»، دېدى.

پومپېيو يەنە، ئامېرىكا خىتاي پۇقرالىرىغا كەڭ قۇچاق ئاچقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى ھەرقايسى ئورگان ۋە ئىنىستىتۇتلاردا سىڭىپ كىرىش، تەشۋىقات ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، خىتايغا مەبلەغ سالغان غەرب شىركەتلىرىنى خىتايدىكى مەجبۇرى ئەمگەككە ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىرىگە كۆز يۇمۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆزىنى ئەركىنلىكنىڭ ھىمايىچىسى دەپ ئاتايدىغان ھوللىيۋودنىڭ خىتاينى تەنقىدلەيدىغان ئادەتتىكى گەپلەرنى قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي، ئۇنى ھەربىيلەشتۈرگەنلىكىنى، دۆلەت ئىچىدە يەنىمۇ مۇستەبىتلەشكەنلىكى، ئامېرىكا زېمىنىدا جاسۇسلۇق ۋە ئەقلىي مۈلك ئوغۇرلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو مانا بۇ خاتالىقلار مەيلى نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەن بولۇشىدىن قەتئىيەنەزەر پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۇنىڭغا ئەمدى «يېتەر» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە سۆزى داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جېچى بىلەن ھاۋايىدا ئۇچراشقانلىقىنى، بىراق مۇشۇ ئۇچرىشىشتىمۇ ياڭ جېچىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بىر مۇنچە «قۇرۇق ۋەدە» بەرگەننى ئاز دەپ، يەنە ئامېرىكاغا بىر مۇنچە تەلەپ قويۇپ، ئامېرىكانىڭ بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئىلگىرىكى ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل دەپ كەلگەن، بىراق مەن ماقۇل دېدىمىدىم، پرېزىدېنت ترامپمۇ ھەم دېمەيدۇ» دېدى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئېيتقان سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئويغىنىشىنىڭ تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پومپېيو نۇتقى داۋامىدا مۇنداق دېدى: «كوممۇنىستىك خىتاينى ھەقىقىي ئۆزگەرتىشنىڭ بىردىنبىر يولى خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ دېگىنىگە ئەمەس، بەلكى قىلغان ئىشلىرىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىش. سابىق پرېزىدېنت رېگان ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ‹ئۇنىڭغا ئىشەن، لېكىن تەكشۈرۈپ كۆر، › دېگەن پرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مەن بولسام خىتاي كومپارتىيەسىگە ‹ھەم ئىشەنمە، ھەم ئۆزۈڭ تەكشۈرۈپ كۆر›، دەيمەن» (ئالقىش)

مايك پومپېيو سۆزىدە «دۇنيادىكى ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان دۆلەتلەرنىڭ چوقۇم خىتاينى ئۆزگىرىشكە قەتئىي ھالدا مەجبۇرلىشى كېرەكلىكىنى» تەكىتلىدى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى: «مايك پومپېيو يۇقىرىدىكى سۆزى ئارقىلىق يېڭى بىر تارىخىي مەۋقەنى ئوتتۇرىغا قويدى»، دېدى.

مايك پومپېيو نۇتقى داۋامىدا يەنە ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاتتىق قول بولۇش بىلەن بىرگە يەنە، خىتايدىكى ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭمۇ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي پائالىيەتچىلىرى، ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچراشقانلىقىنىمۇ تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە «مەن شىنجاڭدىكى جازا لاگېرلىرىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار بىلەن كۆرۈشتۈم» دېدى. دىققەت قوزغايدىغىنى ئۇ بۇ سۆزىدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنى «جازا لاگېرلىرى» دەپ ئاتىغانىدى.

نۇرىي تۈركەل بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە «تەدبىر قوللىنىشقا تېگىشلىك» مەسىلىگە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پومپېيو نۇتقى داۋامىدا ئامېرىكانىڭ سىياسىتىدىكى خاتالىقلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇنىڭدا تەيۋەننى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكانىڭ تەيۋەندىكى دوستلىرىنى تاشلاپ، تەيۋەننى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىنى، بىراق تەيۋەننىڭ كۈچلۈك بىر دېموكراتىيەلىك تۈزۈمگە ئايلانغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ يەنە خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇرغان جاسارەتلىك خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ سۆزلىرىنىمۇ دىققەتكە ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى يالغۇز خىتاي خەلقىگە تاشلاپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بارلىق ئەركىن دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھالدا ئەركىنلىكنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن مۇجادىلە قىلىش ئاسانغا توختىمىسىمۇ، ئامېرىكانىڭ چوقۇم بۇنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

پومپېيو سۆزىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرى، گ-20 ۋە گ-7 دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، دۇنيادا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە ئەركىنلىك-دېموكراتىيە ئاساسىغا قۇرۇلغان سىستېمىنى قوغداپ قېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. مايك پومپېيو يەنە: «ئەگەر بىز ھازىر تىزلانساق، بالىلىرىمىزنىڭ بالىلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە قاراشلىق بولۇپ قالىدۇ. بىز رۇخسەت قىلمىساق شى جىنپىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا بۇزغۇنچىلىقىنى داۋام قىلالمايدۇ» دېدى. ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ئىلگىرى ئەركىن دۇنيا زومىگەرلىكنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ قېتىممۇ ئوخشاش بولىدۇ»، «ئەگەر بىز قويۇپ بەرمىسەك، شى جىنپىڭ ھەمىشە خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ».

پومپېيو سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ تەھدىت ھازىر بوسۇغىمىزغا كەلدى، شۇڭا ئەركىن دۆلەتلەر دەرھال يېڭى بىر گەۋدە يارىتىپ چىقىشى كېرەك»، «ئەگەر ئەركىن دۇنيا ئۆزگەرمىسە، كوممۇنىست خىتاي بىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. . . ئەركىنلىكىمىزنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن قوغداپ قېلىش دەۋرىمىزنىڭ بۇرچى» دەپ تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، مايك پومپېيو نۇتقىدىن كېيىن دىنى ئىشلار كومىسسارى نۇرىي تۈركەل قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ۋاڭ دەن قاتارلىق خىتاي ئۆكتىچى دېموكراتىك زاتلارنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتتە بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.