ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى خىتاي مىقياسىدا يۇقۇم قامالىغا بولغان نارازىلىقلارنى ئۇلغايتتى
2022.11.27

24- نويابىر كۈنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى كۆپ قەۋەتلىك ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيادا زور ئىنكاس قوزغىدى.
25- نويابىردىكى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋىرىدە ئوت كېتىش ۋەقەسىدە، 10 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 9 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، ۋەقەدىن كېيىن يارىلانغۇچىلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. ئەمما ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە تارقالغان سىن فىلىملىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بىناغا بارغان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئوتنى ۋاقتىدا ئۆچۈرمىگەنلىكى پاش قىلىنغان. ئۇچۇرلاردا ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە دېيىلگەندەك 10 كىشى بولماستىن، ئەمەلىيەتتە 40 تىن ئارتۇق ئىكەنلىكى، ئوتتىن ئامان قالغان يارىدارلارنىڭ دوختۇرخانىدا داۋاملىق ئۆلۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قامال سىياسىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بۇ خىل نارازىلىق كەيپىياتى ئىپادىلەنگەندىن باشقا، بۇ ۋەقە ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەرلەردىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىمۇ قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان.
خىتايلار تەرىپىدىن يوللانغان سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىنكاسلاردا، پاجىئەنىڭ يۈز بېرىشىغا رايوندا داۋام قىلىنىۋاتقىنىغا 100 كۈندىن ئېشىپ كەتكەن يۇقۇم قامالى سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلىنىپ، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ئىپادىلەنگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، 24-نويابىر كېچىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، پۈتكۈل خىتاي بويىچە ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرىنى بىكار قىلىش ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى قوزغالغان.
خىتايلار تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 25- نويابىردىن باشلاپ ئۈرۈمچى، شاڭخەي، چوڭچىڭ، ۋۇخەن، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالىغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن.
سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىلىرى دائىرىلەرنىڭ قامال سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. ئەمما بۇ نامايىشقا ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭمۇ قاتناشقان ياكى قاتناشمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.خىتايلارنى ئاساس قىلغان غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەننىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش قوماندانلىق شتابى قورۇسىنى قورشىۋالغان. نامايىشچىلار توسۇقلارنى بۇزۇپ، دەرۋازىلارنى چېقىش ھەرىكىتىدە بولغان. ئۇلار شوئار توۋلاپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى، ئوت ئاپىتىدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، شۇنداقلا يۇقۇم قامالىنىڭ قاچان بىكار قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە خەلققە ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
سىن كۆرۈنۈشىگە كىرىشتۈرۈلگەن خەتلىك چۈشەندۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى دەپ تونۇشتۇرۇلغان بىر خىتاي ئەمەلدار، ئاممىنى نارازىلىق نامايىشىنى توختىتىشقا چاقىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ« يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش تەدبىرلىرى» ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشىدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ساقچى ۋە قوراللىق ئەسكەرلەرنى چىقىرىپ، تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق نامايىشنى تىزگىنلىمەكچى بولغان. سىن فىلىملىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش مەيدانىدا ئوق ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلانغان. ئەمما، بىزنىڭ بۇ نامايىشلارنى تېخى ئايرىم دەلىللەش ئىمكانىمىز بولمىدى. ئەمما 25- نويابىردىن باشلاپ، نارازىلىق نامايىشى ئۇلغىيىپ، پۈتكۈل خىتاي بويىچە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىققا ئايلانماقتىكەن.
ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى پاجىئەسىدىن كېيىن،25- نويابىردىن باشلاپ ئۈرۈمچى شاڭخەي، ۋۇخەن، چوڭچىڭ، بېيجىڭ قاتارلىق خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە يۇقۇم قامالىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن.
ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە تارقالغان سىن فىلىملىرىدا 26- نويابىر شاڭخەينىڭ ئۈرۈمچى كوچىسىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى ئاشكارىلانغان. ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان نامايىشچىلار «يۇقۇم قامالى بىكار قىلىنسۇن! ئۈرۈمچىدىكى قامال بىكار قىلىنسۇن!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، «شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسۇن! كومپارتىيە تەختتىن چۈشسۇن!»، «بىزگە مۇستەبىت ھاكىمىيەت كېرەك ئەمەس، دېموكراتىيە كېرەك !» دېگەندەك شوئارلارمۇ توۋلانغان.
يۇتۇب قانىلىدا تارقالغان سىن فىلىملىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 27- نويابىر كۈنىمۇ شاڭخەي، ۋۇخەن، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۆيلىرىگە قامالغان شەھەر خەلقى ئاھالە ئولتۇراق رايونلاردىكى توسۇقلارنى بۆسۈپ چىقىپ، كوچا ئايلىنىپ نارازىلىق نامايىشلىرى قىلغان.
بېيجىڭدىكى نامايىش ھەققىدە تارقالغان سىن كۆرۈنۈشىدە ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىدىن تەركىب تاپقان نامايىشچىلار «يۇقۇم قامالى بىكار قىلىنسۇن! بىزگە مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئەمەس، ئەركىنلىك كېرەك!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.
سىن كۆرۈنۈشلىرىدە يەنە ساقچىلارنىڭ كوچىغا چىقىپ، نامايىشچىلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ تەرتىپ ساقلاۋاتقانلىقى، يولدىن ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ توختىماي سىگنال بېرىپ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى نامايىشچىلارغا مەدەت بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدىكى تېخى دەلىللەنمىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 25-نويابىر ۋە 26-نويابىر كۈنلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن.
خوتەندە يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە تارقالغان سىن فىلىملىرىدا، خىتايلاردىن تەركىب تاپقان نامايىشچىلارنىڭ «يۇقۇم قامالى بىكار قىلىنسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى پاجىئەسى ۋە ھەرقايسى جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە نامايىش يۈز بەرگەن شاڭخەي، بېيجىڭ، ۋۇخەن، چوڭچىڭ قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يۇقۇمنىڭ تىزگىنلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرىنىڭ بوشىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بېرىشكە باشلىغان.
ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بايانات بېرىپ، 26- نويابىردىن باشلاپ يۇقۇم ۋەزىيىتى يېنىك بولغان بىر قىسىم رايونلاردا كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ نورمال پائالىيەت ئېلىپ بارسا بولىدىغانلىقىنى، سودا سارايلىرى ۋە دۇكانلارنىڭ تىجارەت قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.ئەمما، ئوت ئاپىتى پاجىئەسى ۋە جايلاردىكى نارازىلىق نامايىشلىرىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇم قامالىنى بوشىتىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىلىرىگە نىسبەتەن قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردا يەنىلا نارازىلىق ئىپادىلەنمەكتە.
ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئۈرۈمچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىمۇ سىن فىلىملىرى ئارقىلىق ئىنكاس يوللاپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، يۇقۇم قامالىنى بوشاتقانلىقى ھەققىدىكى بۇ باياناتىنىڭ تولىمۇ كېچىككەن بىر قارار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يۇقۇم قامالى سىياسىتىگە بولغان قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، چەتئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان بىر قىسىم خىتاي پۇقلارىنىڭمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى ئىپادىلەش ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوتتا كۆيۈپ كەتكەنلەرگە ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەپ، خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان يۇقۇم قامالى سىياسىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.