15-يانۋار كۈنى ئاقسۇ ئاۋاتنىڭ يېڭىئېرىق ساقچىخانىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى. ناھىيە ۋە يېزىلىق ساقچى خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 3 نەپەر پىدائىي ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى چۈش مەزگىلىدە يېڭىئېرىق ساقچىخانىسىغا كېلىپ، مۇھاپىزەتتە تۇرۇۋاتقان ياردەمچى ساقچىلارغا ساقچىخانا باشلىقى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ياردەمچى ساقچىلار ساقچىخانا باشلىقىنىڭ يىغىندا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، پىدائىيلارنىڭ ساقچىخانىغا كىرىشىگە يول قويمىغان ۋە پىدائىيلارنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇشقا ئۇرۇنغان. نەتىجىدە پىدائىيلار بەللىرىدە ساقلىغان خىتايچە شەكىلدىكى ئورغاقنى چىقىرىپ ياردەمچى ساقچىلارغا زەربە بەرگەن ۋە ئىككى نەپىرىنى يارىلاندۇرغان. بۇ چاغدا خىتاينىڭ رەسمىي ساقچىلىرى ساقچىخانا ئىشخانىسىدىن ئوق چىقىرىپ، ساقچىخانا بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىۋاتقان ئۈچ نەپەر پىدائىينى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن.
بىز بۈگۈن ئالدى بىلەن ۋەقە يۈز بەرگەن يېڭىئېرىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق:
مۇخبىر: يېڭىئېرىق ساقچىخانىسىمۇ؟
خادىم: شۇنداق.
مۇخبىر: ھازىر ۋەزىيەت قانداق، ۋەقەدىن كېيىن؟
خادىم: ياخشى، جىمجىتچىلىق.
مۇخبىر: ۋەقەدە قانچە كىشى ئۆلدى؟
خادىم: ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن.
مۇخبىر: ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى سىز نەق مەيداندا يوقمۇ؟
خادىم: مەن سىرتتا ئىدىم.
مۇخبىر: ئەگەر سىز ياردەمچى ساقچى بولسىڭىز، تېلېفوننى رەسمىي ساقچىغا بەرسىڭىز؟
خادىم: ۋەي، نېمە ئىشتى؟
مۇخبىر: چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرىنى ئۇقۇپ باقايلى دېگەن.
خادىم: بولمايدۇ، دېلو ھەققىدە سىزگە ھېچقانداق مەلۇمات بېرەلمەيمىز.
بىز ئاخىرىدا دولان يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ خادىمى ئابدۇسالام روزى ۋە ساقچىخانا باشلىقى شۇەن شىننى زىيارەت قىلدۇق. بۇ ئىككىسى ۋەقەنىڭ جەريانىنى يىغىندا ئۆزلىرىگە ئۇقتۇرۇلغىنى بويىچە بايان قىلدى.
بۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چارشەنبە كۈنى چۈش مەزگىلىدە 3 كىشى ساقچىخانا دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولغان ۋە نۆۋەتچىلەردىن ساقچىخانا باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتچىلەر ساقچىخانا باشلىقىنىڭ يىغىندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، كۆرۈشۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى قىسقا بىر تالاش-تارتىشتىن كېيىن، نۆۋەتچىلەر قارشى تەرەپنىڭ بېلىدە ئەسۋاب بارلىقىنى بايقىغان ۋە تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ بۇ چاغدا بۇ ئۈچ كىشى بەللىرىدىكى ئورغاقنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ نۆۋەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلغان ۋە ئىككى نەپىرىنى يارىلاندۇرغان. ۋەقەنى بىنادىن كۆرگەن ساقچى خادىملىرى ھۇجۇمچىلارنى بىنا ئىچىدىن ئوق چىقىرىپ نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن.
مەزكۇر ساقچىخانا باشلىقى شۇەن شىن دېلونى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھۇجۇمچىلارنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى، ئەمما رايوننىڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، بۇ ۋەقەنىمۇ باشقا ۋەقەلەرگە ئوخشاش، ھاكىمىيەتكە قارشى ۋە بۆلگۈنچىلىك مەقسىتىدىكى ۋەقە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ ساقچىخانىنىڭ گاۋ خەي ئىسىملىك بىر خادىمى ۋەقەدە يارىلانغان ئىككى ساقچىنىڭ 48 ياشلىق ئەركىن مۇھەببەت ۋە 28 ياشلىق مەمەت تۇرسۇن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ يەنە ئۇ ئۈچ ھۇجۇمچىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىنىڭ قۇمئېرىق ۋە لەڭگەر كەنتىدىن ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىسىملىرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.