«قاينام ئۆركىشى» نىڭ 100 يىللىق ساداسى: لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئەسلىگەندە (1)

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.10.03
«قاينام ئۆركىشى» نىڭ 100 يىللىق ساداسى: لۇتپۇللا مۇتەللىپنى ئەسلىگەندە (1) ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ «خىيالچان تىلەك» شېئىرى.
akademiye.org

يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،

ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.

قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،

ئاخىرىقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.

ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاپ» ناملىق مەشھۇر شېئىرىدىكى بۇ مىسرالار ھېچ بىر ئۇيغۇرغا ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك!

شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ھەققىدە يېزىلغان كىتابلار ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇ 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى 23 يېشىدا ئاقسۇدا گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى تولىمۇ قىسقا بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن يالقۇنلۇق ئىجادىي ئەمگەكلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. «يىللارغا جاۋاب»، «خىيالچان تىلەك»، «بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى» قاتارلىق شېئىرلىرى؛ «پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»، «ئەجەل ھودۇقۇشىدا» ناملىق فىلىياتونلىرى، «داۋانلار ئاشقاندا» ناملىق يېزىپ تاماملانمىغان رومانى، شۇنداقلا بىر يۈرۈش سەھنە ئەسەرلىرى ھەم ئەدەبىياتشۇناسلىققا دائىر ماقالىلىرى ئارقىلىق، 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گىگانت ۋەكىللىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئۇ بىر ئوت يۈرەك شائىر بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلانغان قەيسەر جەڭچى ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋاپات بولغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان كىتابلار، ماقالىلەر ۋە ئەسلىمىلەر يېزىلغان. 1950-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم نەشىر قىلىنغان. 1961-يىلى لۇتپۇللا مۇتيەللىپنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان «يىراقتىكى ئۇچقۇنلار» ناملىق كىنو ئىشلەنگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپكە بېغىشلانغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ھەر يىلى دېگۈدەك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر سەنئەتكارلاردىن ئىززەت ئىلياس، ئەسقەر قاتارلىق داڭلىق ناخشىچىلار لۇتپۇللا مۇتەللىپكە بېغىشلانغان «سالام لۇتپۇللا» ناملىق ناخشىنى يوقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، ئۇيغۇر ياشلىرى سۆيۈپ ئاڭلايدىغان ناخشىغا ئايلاندۇرغان.

بىز لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ۋە ياش شائىرلار بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ مەرھۇم ئانىسى زىننەتخان زۇنۇن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئايالى سوفىيەم بائىز بىلەن ئەينى ۋاقىتتا كۇچادا قوشنا ئولتۇرغان ئىكەن، شۇنداقلا ئۇلار ئىككىسى 1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا كۇچادىكى قىزلار مەكتىپىدە مەكتەپداش بولۇپ ئوقۇغان ئىكەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتنىڭ «ئانامنىڭ ئەسلىمىلىرى» دېگەن ماقالىسىغا قارىغاندا، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئانىسىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ كېيىنچە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «لۇتپۇللا مۇتەللىپ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئۆز خەلقىنىڭ ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن يالقۇنلۇق شېئىرلارنى يازدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئاشۇ شېئىرلىرىدا يازغانىدىكىدەك ياشىدى. ئۇيغۇرلار قىرغىنچلىققا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز بۈگۈن خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن قەلەمدىلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيىتىدە كۈرەش قىلالايدىغان ئاشۇنداق بىر تۈركۈم ياشلارغا مۇھتاجمىز. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى ھازىرقى ياشلىرىمىزغا ئۈلگە بولالايدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «ئەركان» تەخەللۇسى بىلەن تونۇشلۇق بولغان ياش شائىر ئابدۇخەبەر قادىر بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن بىزگە ئىنقىلابنىڭ قانداق بولىدىغانلىقنى كۆرسىتىپ قويدى. ‹ۋەتەن ئۈچۈن جان بېرىش كېرەك› دەپ يېزىش ئاسان، لېكىن ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز. لۇتپۇللا مۇتەللىپ دەل يازغانلىرىنى ھايات ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن شائىردۇر.»

تۈركىيەدىكى ياش شائىر ئىمران سادائى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھەم قەلەم تۇتقان ھەم قورال تۇتقان بىر شائىر. ئۇ يەنە ھەم سەھنە ئەسەرلىرى يازغان ھەم ئۆزى سەھنىگە چىقىپ رول ئالغان سەنئەتكار. يەنى خەلقىمىز ئۆز دەۋرىدە نېمىگە ئىھتىياجى بولغان بولسا، ئۇ شۇ يەردە ھازىر بولغان. مەن ئۇنىڭ شۇ تەرىپىگە ھەۋەس قىلىمەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، مىللەتكە قىلىنغان خىزمەت ھېچقاچان زايە بولۇپ كەتمەيدىكەن.»

سۆھبىتىمىز جەريانىدا پىكىر بايان قىلغان شائىرلار، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ياشىغان دەۋرلەر بىلەن كۈنىمىزدىكى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇلار سۆزىدە بۈگۈنكى كۈندە لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە مىللەتنىڭ سەرخىللىرى بولغان زىيالىيلار، يازغۇچى-شائىرلار سولانغىنىدەك، ئەينى زاماندىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئويغاتقان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ يوقىتىش نىشانى قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئىمران سادائى بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېدى: «تارىختىن بۇيان قەلەم تۇتقانلارنىڭ ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن ئەڭ باشتا قۇربانلىق قىلىنغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ سەۋەبى ‹قەلەم› ئىنساننىڭ روھىنى ئويغىتىدۇ. قەلەم تۇتقانلار مىللەتنىڭ يول باشچىلىرىدۇر، دۈشمەنلەر، يول باشچىسىدىن ئايرىلغان مىللەتنى ئاسان كونترول قىلالايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.»

ئابدۇخەبەر ئەركان مۇنداق دېدى: «لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ‹يىللارغا جاۋاب› شېئىرىدىكى ‹ئاخىرىقى جەڭگە ئاتاپ قويغان› ئوغۇللارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان يازغۇچى-شائىرلىرىمىز ئىكەنلىكىدە ھېچ گۇمان يوق. بۇنى شۇنداق چۈشەنسەك خاتالاشقان بولمايمىز، ئەلۋەتتە.»

1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، يەنى مىللىي ئارمىيەنىڭ جەنۇبنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروف باشچىلىقىدىكى قىسمى ئاقسۇ كوناشەھەرنى ئازاد قىلىپ، ئاقسۇ يېڭىشەھەردىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى قورشاۋغا ئالغان ھەل قىلغۇچ كۈنلەردە، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆز دوستلىرى بىلال ئەزىزى، مۇنىردىن خوجا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە گومىنداڭ گېنېرالى جاۋ خەنچى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاقسۇ خەلقى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلارنىڭ ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن جەسىتىنى تېپىپ چىقىپ، يۇيۇپ-تاراپ دەپنە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.