قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى خەلقئارا گىمناستىكا مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىلىم-پەن، مائارىپ، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىشلەپچىقىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا تەنھەرىكەت ساھەسىدىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قازاقىستاننىڭ شان-شەرىپىنى قوغداۋاتقانلىقى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىمۇ دۇنياغا تونۇتۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى بوكس، كىك-بوكسىڭ، يەنى پۇت-قولنى تەڭ ئىشقا سېلىپ ئەركىن مۇشتلىشىش، كاراتې، يەنى قائىدىسىز چېلىشىش، بىرازىلىيەچە جۇجىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش، ۋۇشۇ-سەندا، يەنى چامباشچىلىق، ئەركىن مۇشتلىشىش، گىمناستىكا ۋە باشقىمۇ تۈرلىرىدىن ئاسىيا ۋە دۇنيا چېمپىيونى دېگەن يۇقىرى ئاتاقلارغا ئېرىشمەكتە.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستانلىقلارنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتى گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىلىرىدە زور نەتىجىلەر قازىنىۋاتقان ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىدە بولماقتا. بولۇپمۇ تالانتلىق گىمناستىكىچى نارىمان قۇربانوفنىڭ بۇ يىل فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان سالاھىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشى كۆپچىلىكنى چوڭ خۇشاللىققا چۆمدۈردى. مۇشۇ يېقىندا ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى ئۆز ھەۋەسكارلىرىنى يەنە بىر قېتىم خۇشال قىلدى.

گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن ھەسەن سەلىموف(سولدىن بىرىنچى). 2024-يىل ماي، بۇلغارىيە.
گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن ھەسەن سەلىموف(سولدىن بىرىنچى). 2024-يىل ماي، بۇلغارىيە. (RFA/Oyghan)

قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستانلىق گىمناستىكىچىلار يېقىندا بۇلغارىيەنىڭ ۋارنا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئۈچ مېدال ئۇتۇۋالغان. شۇ جۈملىدىن نارىمان قۇربانوف تەنھەرىكەتنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى بويىچە 15.433 نومۇر بىلەن ئالتۇن مېدالغا، گىمناستىكىنىڭ ئەركىن تۈرىدە، يەنى گىلەمدە ۋە ياغاچ ئاتتا ئويۇن كۆرسىتىش، سەكرەش، چەمبەردە ئېسىلىپ ئويۇن كۆرسىتىش تۈرلىرى بويىچە دىمىترىي پوتانىن 14.033 نومۇر بىلەن كۈمۈش مېدالغا، ھەسەن سەلىموف بولسا، 13.533 نومۇر بىلەن مىس مېدالغا ئېرىشكەن.

بىز گىمناستىكا بويىچە دۇنيا چېمپىيونى ھەسەن سەلىموف بىلەن ئالاقىلەشتۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «گېزەك سىڭلىم ئىككىمىز يەتتە ياشقا كىرىپ، بىرىنچى سىنىپقا كەلگەندە دادام بىزنى ھۈسەن شېرىپ ئوغلىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ چاغدا ھۈسەن شېرىپ ئوغلى ئىنتايىن ئابرۇيلۇق مەشغۇلاتچى بولۇپ، كىچىك بالىلارنى تەربىيەلىمەيتتى. ئۇ پەقەت قازاقىستان تاللانما كوماندىسىغا كىرگەن چوڭلارنى تەربىيەلەيتتى. دادام ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىللار يېقىن بولغانلىقتىن ھۈسەن شېرىپ ئوغلى دادامغا پەقەت ياخشى مەسلىھەتىنى بېرىپ تۇردى. يەنى شۇ ۋاقىتتىكى تالانتلىق ياش مەشغۇلاتچى ۋىتالىي كازانسېفنى تونۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەن شۇنىڭ قولىدا تەربىيەلەندىم. بۇ جەرياندا مېنىڭ ئىپادەم ياخشى بولدى. باشقىلارمۇ مېنىڭ كىچىكىمدىن چوڭ ئۈمىد كۈتتى».

گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن ھەسەن سەلىموف. 2024-يىل ماي، بۇلغارىيە.
گىمناستىكا بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشكەن ھەسەن سەلىموف. 2024-يىل ماي، بۇلغارىيە. (RFA/Oyghan)

ھەسەن سەلىموف ئالتە يىل ۋىتالىي كازانسېفنىڭ قولىدا مەشىقلىنىپ، ھەقىقەتەنمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى كۆرسىتىشكە باشلىغان. ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى باشقىلار قاتارىدا ئاتاقلىق مەشغۇلاتچى، دۇنيا چېمپىيونى نارىمان قۇربانوفنىڭ دادىسى ھۈسەن قۇربانوفمۇ بايقىغان.

ھەسەن سەلىموف يەنە مۇنداق دېدى: «ھۈسەن شېرىپ ئوغلى ‹ھەسەن چوڭ بولۇپ، مېنىڭ شاگىرتلىرىم دەرىجىسىگە يەتكەندە مەن ئۇنى ئۆزۈمگە ئېلىۋالىمەن› دېگەنىدى. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى. 13-14 ياشلىرىمدا مەن ئۇنىڭ كوماندىسىنىڭ تەركىبىگە كىردىم. ئارىدا خۇشاللىقلارمۇ بولدى، رەنجىشلەرمۇ بولدى. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىپ كەتتۇق. ھۈسەن شېرىپ ئوغلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەن مۇشۇ يىلى مارت ئېيىدا تۈركىيەنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا، يېقىندا بۇلغارىيەدە ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ئېرىشتىم. مەن مۇشۇ ئىككى مەشغۇلاتچىلىرىمغا ۋە دائىم ماڭا ئۈمىد-ئىشەنچ بېغىشلىغان ئاتا-ئانامغا، يېقىنلىرىمغا رەھمىتىمنى ئېيتىمەن ۋە يەنىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە يېتىشكە تىرىشىمەن».

ھەسەن ئالىمجان ئوغلى سەلىموف 2004-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. تۆت بالىلىق ئائىلىنىڭ ئاتىسى ئالىمجان بارلىق بالىلىرىنى كىچىكىدىنلا گىمناستىكىغا بېرىش ئۈچۈن ھۈسەن قۇربانوفقا ئېلىپ كەلگەن. چوڭ ئوغلى ئادىل دەسلەپتە گىمناستىكا بويىچە شۇغۇللانغان بولسىمۇ، كېيىن تەنھەرىكەتنىڭ ئەركىن چېلىشىش تۈرىگە قىزىقىشقا باشلىغان. ئىككىنچى ئوغلى ئەزىزمۇ ئون بىر يىل داۋامىدا گىمناستىكا بويىچە شۇغۇللىنىپ، تەنھەرىكەت ماھىرى دەرىجىسىگە ئېرىشكەن. لېكىن كېيىن بۇ ساھەنى تاشلاپ، باشقا كەسىپكە ئالماشقان.

«كېنتاۋر» قابىلىيەتلىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ياردەم قىلىش جەمئىيەتلىك فوندىنىڭ رەئىسى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن تىرېنېرى، نارىمان قۇربانوفنىڭ ئۇستازى مەخمۇت ئىسكەندەروف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر ھەسەن سەلىموفنىڭ ھەربىي خىزمەتنى ئۆتەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئۇنى ئۆز كوماندىسىغا ئېلىپ، مۇسابىقىگە تەييارلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەسەن ياش بالا. 3-ئورۇن بۇ ياش بالىغا ناھايىتى پايدىلىق بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ، بىز ئۈچۈن خۇشاللىق. بىزنىڭ ئىلىياس ئەزىزوف تورنىكتا پۇتىنى ئۇرۇۋېلىپ، جاراھەت ئالدى. ھازىر ئاستا-ئاستا مەشىقلىنىۋاتىدۇ. ئۈچ يىگىتىمىز بار. ئۇلار خەلقئارا دەرىجىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرلىرى. بىز ئۇلاردىن پەخىرلىنىمىز. نارىمان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. بۇ تارىختا بىرىنچى قېتىم بولۇۋاتىدۇ دېسەك بولىدۇ. بىزنىڭ ئۇ يەردىمۇ بىر مېدالغا ئىگە بولىدۇ دېگەن ئويلىرىمىز بار. سەۋەبى بۇنى بىز چىقارمايمىز، بەلكى گىمناستىكا بويىچە خەلقئارا بىرلەشمىنىڭ باشلىقلىرى ئانالىز قىلىپ، ئۇنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. بىراق ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش كېرەك. بۇنىڭغا ئىككى ئاي قالدى».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، گىمناستىكا بويىچە خەلقئارا تەنھەرىكەت ماھىرى نارىمان قۇربانوف بۇلغارىيەدە ئۆتكەن مۇسابىقە ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى ئىككى ھەپتىدە مەن ئىككى چوڭ مۇسابىقىگە قاتناشتىم. بىرىنچىسى، تاشكەنتتە ئۆتكەن ئاسىيا مۇسابىقىسى. بۇ مۇسابىقە پەقەت مەن ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ كوماندا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولدى. چۈنكى مەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىپ، چېمپىيون بولدۇم ۋە كوماندامغا يۇقىرى نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلدىم. مۇسابىقىگە دۇنيانىڭ كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىلىرى قاتناشتى. ئۇ يەردىن تاشكەنتكە باردىم. ئاسىيا مۇسابىقىسىگە دۇنيانىڭ 30 غا يېقىن مەملىكىتىدىن 80 گە يېقىن گىمناستىكىچى قاتناشتى. ئەمدى مانا پارىژدا ئۆتىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتىمەن».

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاننىڭ شان-شەرىپىنى قوغداۋاتقان ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئۇتۇقلىرى قازاقىستان ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داۋاملىق ئېيتىلىپ كەلمەكتە. ھازىر ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش تەنھەرىكەتچىلەرنىڭمۇ مۇسابىقىلەردە كۆرسىتىۋاتقان نەتىجىلىرى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلماقتا.