ئانىسى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش گۇۋاھلىق باياناتلىرى بىلەن تۈركلەر ئارىسىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان نورۋېگىيەدىكى قەدرىيە غوپۇر ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرىدا ئانىسىنىڭ 10 يىللىق كېسىلىپ كەتكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە توقسۇ تۈرمىسىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ توقسۇدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ھاجىرە روزىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى خىزمەت ئورنى تەرىپىدىن دەلىللەندى. قەدىرىيە ئۆزىنىڭ تەسىرات باياناتىدا گۇۋاھلىق باياناتلىرىنىڭ ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى
نورۋېگىيەدىكى قەدىرىيە غوپۇرنىڭ گۇۋاھلىق باياناتىدا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ توقسۇ مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بوغالتىرى ئىكەنلىكى ۋە 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. توقسۇ ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى خادىملىرى دەسلەپتە بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى. ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق مەھكۇملارنىڭ كىملىكىنى ئەستە تۇتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. قەدىرىيە غوپۇر ئانىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئالغانلىقىنى، ئەمما مەنبەنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
توقسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ھاجىرە روزىنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتە ئىككىلەندى. ئۇ ئارقىدىن بۇ سوئالىمىزغا مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىن مەلۇمات ئېلىپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما ھاجىرە روزىنىڭ كېسىلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئىنكار قىلمىدى.
قەدىرىيە غوپۇرنىڭ بىر گۇۋاھلىق باياناتىدا دېيىلىشىچە، ئۇ ئانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىيەدە ئوقۇغان ۋە ياشىغان 6 يىل داۋامىدا خىتايغا قارشى ھېچقانداق بىر سۆز ھەرىكەتلەردە بولمىغان. ئۇ باياناتىدا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى بۇ ئېھتىياتچانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقى ۋە بۇ پۇشايماندىن چوڭ بىر دەرس ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىز سۆھبىتىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى 6 يىللىق ھاياتى داۋامىدا ئانا ۋەتىنىدە يۇرتداشلىرى كۆرۈۋاتقان زۇلۇمنى ئاشكارىلىمىغانلىقى ئۈچۈن ئىدىيە ۋە ھېسسىيات جەھەتتىن بىر توقۇنۇش ئىچىدە بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر توقۇنۇشتا بولغاندا ئانىسى ئۆگەتكەن ھىممەتلەرگە ئاساسەن كۆڭلىگە تەسەللى تاپقانلىقى ۋە كېيىنكى يىللاردا ئۆز كەسپى ئارقىلىق مىللىتىگە خىزمەت قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكى، ئەمدىلىكتە بولسا ئۆزىدە يەنە باشقا ئالاھىدىلىكلەرنىمۇ بايقىغانلىقى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات يولىدا كەسپىي ساھەدىلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان توقسۇ مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى ھاجىرە غوپۇرنىڭ قولغا ئېلىنىپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.
قەدىرىيە غوپۇر سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتلىرى قىزىقىش قوزغىغان بولسىمۇ، تېخى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتمىگەنلىكى، بۇ باياناتلارنىڭ ئۇ نىڭ ئانىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
0:00 / 0:00