قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈرلۈك يوللىرى مۇھاكىمە قىلىندى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2023.09.28
15-nowetlik Sherqiy Turkistan Qerindashliq uchrishish yighini-01 15-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا خۇلاسە دوكلاتى كۆرۈنۈشى 2023-يىلى 25-سېنتەبىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

23-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 15-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى، 6-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

ئۈچ بۆلۈم ۋە ئۈچ مۇزاكىرە بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بۇ يىغىن جەريانىدا مۇتەخەسسىسلەر ھەر خىل تېمىلاردا دوكلات سۇندى.

15-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا خۇلاسە دوكلاتى ئوقۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر2023-يىلى 25-سېنتەبىر، ئىستانبۇل
15-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا خۇلاسە دوكلاتى ئوقۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر2023-يىلى 25-سېنتەبىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى دېگەن تېمىدا دوكلات سۇندى.

24-سېنتەبىردىكى يىغىنىدا سۆز قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتىگە قارايدىغان بولساق، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان 19-قۇرۇلتايدا ئېلان قىلغان ئىستراتېگىيە پىلانىدا 2035-يىلى زامانىۋىلاشقان بىر دۆلەت بولۇش ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بىلەن تەڭتۇش بولۇش، 2049-يىلى دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ۋە جاھانگىر دۆلەت بولۇشنى نىشانلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن خىتايلار كۆپ خىللىق پىلانلارنى قۇردى، ھازىرقى سۈنئىي ئەقىل، ھەربىي جەھەتتە چوڭ پىلانلىرى، ئەقىل ئامبىرى مەركەزلىرى قۇرۇش دېگەندەك پىلانلىرى ئۈچۈنمۇ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەربنى مەركەز قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت سىستېمىسىغا قارشى خىتاينىڭ خەلقئارا نەزەرىيەسىنى يارىتىش دېگەندەك چۈشلىرى مەۋجۇت، خىتاي كەلگۈسىدە دۇنياغا خوجىدارلىق قىلىدىغان تەك دۆلەت بولۇش چۈشى، غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا قارشى ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى يارىتىش، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ يالغۇز ئاسىيادىلا ئەمەس دۇنيادا تەك خىتاي بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىش شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ ئاسىيانىڭ مەركىزى دۆلىتى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ مەركىزى دۆلىتى دېگەن ئىدىيەنى سىڭدۈرۈشكە ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ دۆلىتى بولۇشقا ئۇرۇنماقتا» .

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم
RFA/Arslan

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كەلسەك، ھازىر دۇنيادا تۈزۈمنى شەكىللەندۈرگەن سىستېمىلار ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يەنى بۇزۇلۇۋاتىدۇ، بۇزۇلغان بۇ ۋەزىيەت قاچان تۈزىلىدۇ، ئېنىقسىز بىر شەكىلدە داۋام قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋالغا قارىتا بەزى پىلانلارنى بەزى يېڭى ئۇسلۇبلار بىلەن چارە-تەدبىرلەرنى ئىزدىنىش لازىم، 2018-2022-يىللار ئارىسىدا خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدە مۇشۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئورۇن ئالغان ئىدى، ھازىر باشقا مۇھىم مەسىلىلەر ئورنىنى ئېلىپ، ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇرۇنقىدەك ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە قاراپ بۇ مۇقىمسىز بىر باسقۇچتا قانداق بىر يول ئىزدەش باسقۇچىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە نىسبەتەن يېڭى سىياسەتلەرنى بەلگىلەش لازىم دەپ ئويلايمەن» .

 يىغىننىڭ 1-بۆلۈمىدە، خەلقئارا تەرتىپ نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى دېگەن تېما ئاساس نۇقتا قىلىنغان بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، ئوتتۇرا شەرق-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى دېگەنگە ئوخشاش تارماق تېمىلاردا مۇتەخەسسىسلەر دوكلات سۇندى.

 يىغىننىڭ 2-بۆلۈمىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى دېگەن تېما ئاساس نۇقتا قىلىنغان بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە، خىتاي دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، رايون ۋە خەلقئارالىق ئامىللار نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ كەلگۈسى ئەھۋالى قاتارلىق تېمىلاردا مۇتەخەسسىسلەر سۆز قىلدى ۋە يىغىن ئەھلى ئورتاق مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

بۇ ئۇچرىشىشتا يۇقىرىقى تېمىلاردىن باشقا يەنە مۇھىم ئۈچ تېما ھەققىدە گۇرۇپپا شەكىلدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. مۇھاكىمىگە قاتناشقۇچىلار خىلمۇخىل قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ پىكىرلەر ئاساسىدا مۇھىم نۇقتىلار خۇلاسىلىنىپ دوكلات شەكىلدە تەييارلاندى. خۇلاسە دوكلاتىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سەھنىگە چىقىپ ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان خۇلاسە دوكلاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «1-شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ئىلمىي پاكىتلار ۋە تارىخىي ھۆججەتلەرنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش. 2-شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، خەلقئارا قانۇن، سىياسىي ئۆلچەملەرگە ماس كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك پىلانلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش. 3-خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەت ۋە سىياسىي مۇھىتتىن ياخشى پايدىلىنىش. 4-خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارشى ئىلمىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش. 5-شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئالاقىدار ئىلمىي تەتقىقاتلارنى كۈچەيتىش ۋە دەۋا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. 6-شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە باشقىلار» .

15-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا خۇلاسە دوكلاتى ئوقۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر2023-يىلى 25-سېنتەبىر، ئىستانبۇل
15-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا خۇلاسە دوكلاتى ئوقۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر2023-يىلى 25-سېنتەبىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

ھىدايەتۇللاھ ئوغۈزخان يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم پىكىر-تەكلىپلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

 «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مەركەزلەشكەن مەخسۇس تەتقىقات مەركەزلىرى ئېچىش ۋە ئىنستىتۇتلارنى قۇرۇش. شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن: تەشكىلاتلارنى سىستېمىلاشتۇرۇش، رىقابەتتىن ھەمكارلىققا ئۆتۈش، يېڭى ئۇسلۇبلار بىلەن دەۋانى تونۇتۇش، ئۇچرىشىش ۋە يېغىنلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ياشلار تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش، شۇنداقلا ھەر خىل خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللەش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش. خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار ئىلمىي ھۆججەتلەردىن پايدىلىنىش ۋە باشقىلار» .

بىز پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن 15-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى، يىغىننىڭ ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىنلار بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇتلەق رەۋىشتە ئۈنۈمى بولىدۇ، چوڭ بىر ھەسسە قوشىدۇ دەپ ئويلايمەن، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسىگە ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى تەبرىكلەيمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى يىغىنلارنىڭمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن» .

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.