قەشقەر چوڭبازارنىڭ چېقىلغانلىقى رادىيومىز تېخنىك بۆلۈمىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ تەكشۈرۈشىدىمۇ دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.05.06

رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى قەشقەر چوڭبازارنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدە بىر يۈرۈش خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەزكۇر بازارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. يېقىندا رادىيومىز تېخنىك بۆلۈمى قەشقەر چوڭبازار ئۈستىدىن سۈنئىي ھەمراھ تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر بازارنىڭ ئاساسەن چېقىلىپ بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.

جەمئىيەتتە يېڭىبازار ۋە چوڭبازار دەپ ئىككى خىل ئاتىلىدىغان، رەسمىي نامى «قەشقەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا سودا مەركىزى» بولغان بۇ بازارنىڭ چېقىلغانلىقى ئەڭ ئاۋۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇلارىن مەلۇم بولغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا ئونىۋېرسال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ بازارنىڭ چېقىلىشى ھەققىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى رەسمىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ۋە ياكى ھۆججەت-ماتېرىياللىرىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرەلمەي كەلگەن. بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەزكۇر بازاردىكى دۇكاندارلارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، بۇ بازارنىڭ چېقىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئېنىقلىغان ئىدۇق. گەرچە ئەينى چاغدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا بازارنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى دەلىللىنىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ يىل31 ‏-مارت كۈنى، يەنى خەۋەرلىرىمىز بېرىلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، مەزكۇر بازارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەردى.

Before after.png

يېقىندا رادىيومىزنىڭ تېخنىك بۆلۈمى مەزكۇر بازار ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر بازارنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈستىدىن سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسى بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، مەزكۇر بازارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك چېقىلىپ بولغانلىقى قايتىدىن دەلىللەندى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بازارنىڭ ئارقا ۋە يان قىسمى پۈتۈنلەي چېقىلىپ بولغان. بازارنىڭ ئالدى قىسمىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ دەرۋازا ۋە بىر قىسىم تاملىرى قەپ قالغان، شۇنداقلا قاڭالتىرلىق ئۆگىزىسى پۈتۈنلەي بۇزۇۋېتىلگەن.

ئۆتكەن ئايدىكى ئېنقىلاشلىرىمىزدىمۇ قەشقەردىكى بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ خادىمى، بۇ بازارنىڭ بىر خارابىگە ئايلانغانلىقىنى پاش قىلغان بولسا، يەنە بىر بازار باشقۇرۇش خادىمى بۇ بازارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك چېقىلىپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

ئىلگىرىكى زىيارەتلىرىمىزدە يەنە بۇ بازاردا بۇرۇن دۇكان ئاچقان قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئەپەندى، مەزكۇر بازارنىڭ كۆلىمى، كەيپىياتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ بازارنى ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ جانلىق بىر كۆرگەزمىسى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئانتروپولوگ ۋە ئۇيغۇرشۇناس دەررېن بايلېر ئەپەندىمۇ سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاپ بېرىپ، بۇ بازارنى ئۆزىنىڭ2018 ‏-يىلى زىيارەت قىلغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئۇنتۇلماس تەسىراتلىرى بارلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ بازارنى چېقىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي كۈچىدىن ئايرىسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئۆزئارا ئۇچرىشىپ ۋە كۆرۈشۈپ ئۆتىدىغان بىر سورۇندىن ئايرىپ ئايرىپ تاشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنى ئاخىرىقى قورغانىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇپ، خىتايغا تېخىمۇ بېقىندۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

قاسىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەزكۇر مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن 10-15 ‏يىللار ئىلگىرىلا قەشقەر چوڭبازارغا يانداش ھەشەمەتلىك يېڭى بازارلارنى سالغان ۋە بۇ بازاردىكى سودىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان، ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ تەبىئىي قوغدىنىش فونكىتسىيەسى ئارقىلىق، بۇ خىرىستىن ئامان قالغان. نەتىجىدە ئۇيغۇر سودىگەرلەر چۆلدەرەپ قالغان خىتاي بازارلىرىنى مال ئىسكىلاتى ئورنىدا ئىشلەتكەن.

يوقۇرىدا قەشقەر چوڭبازارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك چېقىلىپ بولغانلىقىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىمۇ دەلىللەنگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.