«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» كۈنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قارا ماتەم كۈنلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ پاجىئەگە رۇسىيە ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە سىياسىيونلار شاھىت بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياۋى سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 14 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە ئاشۇ قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىتلىرىنى خاتىرىلەپ قۇرئان-تىلاۋەت قىلماقتا. غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشى ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتى، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىللىرى ئۆز-ئارا قۇرئان-تىلاۋەت ۋە نەزىر قىلىپ ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىغا دۇئا قىلدى. قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىرلىشىپ تارىخىي ۋەتىنىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ ئۆز-ئارا نەزىر ئۇيۇشتۇرۇشتى.
ئىگىلىشىمىزچە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋە جالال ئاباد ۋىلايەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىتتىپاقلىشىپ روزاخۇن يولداشېۋنىڭ تەشەببۇسىدا نەزىر قىلغان. جالال ئاباد ۋىلايىتى ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوۋ رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى ئەسلەش ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەم پەرز ھەم قەرز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىيېۋ رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر داۋاسى، جۈملىدىن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى تېمىسىدىكى ۋەقەلەرنى ئىمكان بار قەدەر جامائەتكە تونۇشتۇرۇپ، ھەر بىر نەزىر-چىراق پائالىيىتىدە قۇربان بولغان شېھىتلارغا ئاتاپ قۇرئان-تىلاۋەتلەر قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان چېگراسىدىكى قورداي ناھىيەسىدىن بىشكەككە كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەكىلى مەۋلانجان ھوشۇروۋ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوستلىرى ۋە باتۇر قېرىنداشلىرىغا قۇرئان-تىلاۋەت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەپسۇسكى بۇ يىلى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ ماتەم كۈنىدە بىرلىكتە بىر يەرگە جەم بولۇپ ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش، شۇنىڭدەك نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىشقا پۇرسەت تاپالمىدى. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى، ئۆز جامائەتلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەپ، ئۆز-ئارا قايغۇلىرى ۋە ئۈمىدلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى رەئىسى چەشمەم مۇختاروۋا رادىئو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى شېھىتلىرىنىڭ ھېچ قاچان ئۆز قەلبلىرىدىن چىقمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى بىر قەدەر ياخشى ساقلىغان مەملىكەتتۇر. «ئىتتىپاق جەمئىيىتى» چىقىرىۋاتقان رەسمىي قانۇنلۇق گېزىت- «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ سەھىپىلىرىدە بولسا رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت مۇھىم خەلقارالىق خەۋەرلەر ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەر تونۇشتۇرۇپ كېلىنمەكتە.