قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ 11-قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزدى
2025.01.14

12-يانۋار قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى 11-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي ئۆتكۈزدى. قۇرۇلتاي بىشكەك شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئالامىدىن ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ئۆيىدە ئۇيۇشتۇرۇلدى. قۇرۇلتايغا قىرغىزىستاننىڭ چۇي ۋىلايىتى شۇنداقلا ئوش، جالال-ئاباد ۋە قاراقول شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى بولۇپ، 510 ۋەكىل ئاۋاز بېرىشتى. مەزكۇر قۇرۇلتايغا يەنە قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبلېيەسى كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى.
قۇرۇلتاينىڭ كۈن تەرتىپىگە ئۈچ مەسىلە قويۇلغان بولۇپ، بۇلار: «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ 2023-يىلى مارت ئېيىدىن تارتىپ 2024-يىلى نويابىر ئېيىغىچە ئېلىپ بارغان ئىشلىرى ھەققىدە ھېسابات بېرىش، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مالىيە كومىتېتىنىڭ ھېسابات بېرىشى ۋە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسىنى سايلاپ چىقىش.
11-قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن زۇمرەت رۇزىيېۋا خانىمنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلتاي تەشكىلىي كومىتېتى قۇرۇلغان. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە ئۈچ نامزات كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئەسقەر قاسىموف، نۇرانىيا قاسىموۋا ۋە ئەسەد تىلىبايېۋتۇر. لېكىن، بەزى سەۋەبلەر بىلەن ئەسەد تىلىبايېف رەئىسلىك نامزىتىنى بىكار قىلدى.
مەزكۇر قۇرۇلتاي قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىمنى بىلەن رەسمىي ئېچىلىپ ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ھوقۇقشۇناس مېھرىنىسا سالايېۋانىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. قۇرۇلتايدا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مالىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرانىيا قاسىموۋا خىزمەتلىرى ھەققىدە ھېسابات بېرىپ، شۇ ئىككى يىل جەريانىدا ئېلىپ بارغان ئىشلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ تەھرىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
قۇرۇلتاي جەريانىدا بىر نەچچە ۋەكىللەر ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئىختىيارىي سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف ئەپەندى سۆزگە چىقىپ جامائەتنى ئىتتىپاقلىققا تەكلىپ قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى:
قۇرۇلتاينىڭ كۈن تەرتىپىگە قويۇلغان ئىككى مەسىلە قارالغاندىن كېيىن ئاساسلىق مەسىلە «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسىنى سايلاش تەرتىپى باشلاندى. ئالدى بىلەن نامزات ئەسقەر قاسىموف ئۆز پىروگراممىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىرغىز تىلىنى ئۆگىنىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. كېيىن نامزات نۇرانىيا قاسىموۋا ئۆز پىروگراممىسىنى ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى تىلغا ئېلىپ ۋە قىرغىزىستاندىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
مەزكۇر قۇرۇلتايغا قاتناشقان بىشكەكتە تۇرۇشلۇق ياۋروپا پارلامېنتنىڭ خىزمەتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىن ۋەكىلى پەرھاد ئىبراھىموف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ قۇرۇلتاينىڭ تەرتىپلىك ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، سايلام ھەققىدە بىر نەچچە تەۋسىيەلەرنى بەردى. ئۇ: «مېنىڭ پىكرىمچە قۇرۇلتاي ياخشى ئۆتتى، بىراق بەزى تېخنىكىلىق مەسىلىلەر چىقىپ قالدى، كېلەچەكتە سايلامنى ئېلېكتىرونلۇق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى بۈگۈنكى كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان ۋاسىتىلەر بار، شۇنداقلا بەزى بېسىم ۋە خاپىچىلىقلارنى ساقلىنىش ئۈچۈن سايلام ئاۋاز بېرىشى مەخپىي ئۇسسۇل بىلەن قىلىنغان بولسا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولاتتى» دېدى.
مەزكۇر قۇرۇلتايغا قاتناشقان بىشكەكتىكى ئاتاي ئوگونبايېۋ مەھەللىسىنىڭ يىگىت بېشى خالمۇرات قەمەردىنوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان رەئىس بىلەن بىرلىكتە ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋىلايىتىدىكى قەشقەر-قىشلاق يېزىسىنىڭ ۋەكىلى شاۋكەت ھېسامىدىنوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يېڭى سايلانغان رەئىسنىڭ ئوش ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇرۇلتايغا قاتناشقان 510 ۋەكىلنىڭ پىكىرلىرى ھەر خىل بولغاچقا، قۇرۇلتاي جەريانىدا بەزى ئۇقۇشماسلىقلار چىقتى، قاراقول شەھىرىدىن كەلگەن «ۋېنتۇس» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كامىلجان روزىيېف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز پىكىرلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ 11-قۇرۇلتىيىدىكى سايلام نەتىجىسىدە، ئەسقەر قاسىموف 342 ئاۋاز بىلەن «ئىتتىپاق» جەمئىيسىنىڭ يېڭى رەئىسى بولۇپ سايلاندى. قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبلېيەسى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىيېف ئۇزبېك ئاداموۋىچ سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ مۇنداق دېدى: «سىزلەر بىلگىنىڭلاردەك قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبلېيەسى كېڭىشىنىڭ رەئىسى تەرىپىدىن ماڭا كۆرسەتمە بېرىلدى. بۇ قۇرۇلتاي جەمئىيەتنىڭ تەستىقلانغان نىزامنامىسى بويىچە ئۆتۈشى كېرەك ئىدى، لېكىن بۇ يېڭى نىزامنامە ئىكەن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تېخى تەستىقلانمىغان ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قۇرۇلتاينىڭ قانۇنلۇق باھاسى قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبلېيەسى كېڭىشىنىڭ قانۇن كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ، يەكۈن چىقىرىلىدۇ».