قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قوللىماقتا
2021.10.26

قىرغىزىستان قازاقىستاندىن قالسىلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەت. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي دەۋاسىنى قىلىشقا باشلىدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى نۆۋەتتىكى ئېغىر سىياسىي ۋەزىيىتى، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى، كۆپلىگەن زىيالىيلار، مەدەنىيەت ئەربابلىرى، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ۋە ئەرزان ئەمگەككە سېلىنىشى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ چەكلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىزچىل ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن يېقىن ھەمكارلىققا ۋە ئۇنى قوللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئىگىلىشىمىزچە، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 11-ئايدا ئېچىلىدىغان قۇرۇلتىيىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە.
2004-يىلدىن تارتىپ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل قوللاپ ۋە يىغىنلىرىغا قاتنىشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋدۇنوف قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەكبەرجان ئەپەندى د ئۇ ق ئېلان قىلغان 1-ئۆكتەبىر ماتەم كۈنىنى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ھەر يىلى نارازىلىق بىلدۈرۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەشكىللىشى بىلەن قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر ۋە كۈنلەرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئىزچىل ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كېلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئۆكتەبىر كۈنىمۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن بىشكەك شەھىرىدە نارازىلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. پائالىيەت داۋامىدا ئەكبەرجان باۋدۇنوف 1-ئۆكتەبىرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر تارىخىي قىسمەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەن بولۇپ، ئۇ دوكلاتىدا 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنىدى.
1-ئۆكتەبىر نارازىلىق پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋە شۇنىڭدەك باشقا ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قانچىلىك مۈمكىنچىلىكى بولسا تولۇق قوللىنىپ، ئۇيغۇر داۋاسىنى ھارماي ئاڭلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى. بۇ جەرياندا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاممىۋى جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇشقا كىرىشتى. ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈچلۈك ئويغىنىش بولغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پائالىيەتلىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، د ئۇ ق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ د ئۇ ق بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى
رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا قىرغىزىستاندا 60 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بولسا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سانىنى بىر ھەسسە كۆپ دېيىشمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى، 1930-يىللىرى ستالىننىڭ تەقىبلەش سىياسىتى پەيىتلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى قىرغىز ياكى ئۆزبېك دەپ تىزىملىتىشقا مەجبۇر بولۇشقان. بۈگۈنكى كۈنلەردە، بەزى «يەرلىك» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنى قايتىدىن «ئۇيغۇر» دەپ تىزىملىتىشقا باشلىدى. 1960-1955يىللاردا كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر دىيارىدىن قىرغىزىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەنىدى.