قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى نورۇز بايرىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2019.03.22
Qirghizistanda-Noruz-2019-00.jpg قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 21-مارت. قىرغىزىستان.
RFA/Feruze

قىرغىزىستاندا نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى شەھەر-يېزىلىرىدا تەنتەنىلىك قۇتلاش پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتتى.

بىشكەك شەھىرىدىكى مەركىزىي مەيدانىدا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي سەنئەت ماھارەتلىرىنى نامايان قىلدى ۋە مىللىي كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى. «ئىتتىپاق» ئۇيغۇر جامائىتىمۇ تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى ئورۇندىدى. مىللىي بۇيۇملار ۋە چالغۇ ئەسۋابلار كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇردى.

قىرغىزىستان يېزىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلىرىدە نورۇز بايرىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاياللار كېڭەشلىرى «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى.

بېلوۋودسكىي يېزىسىدا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆزبېك، تاجىك، قىرغىز ھەتتا ئۇكرائىن ۋە گېرمان خەلقلىرى بىرلىكتە تەنتەنىلىك بىلەن نورۇز بايرىمىنى قۇتلىدى. يېزا تۇرغۇنلىرىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن كەلگەن يېزىلىق ھۆكۈمەت باشلىقى ئاسقاروۋ بەكتۇر، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ رەئىسى رەھىمبەك مەمەتكېرىموف، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئۆز نۇتۇقلىرىدا تىنچلىق-خاتىرجەملىكنى ۋە مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقىنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئىزھار قىلىشتى. 

تەنتەنىلىك مۇراسىمغا يېزا تۇرغۇنلىرىدىن سىرت بىشكەك ۋە كارا بالتا شەھەرلىرىدىن كەلگەن مېھمانلار بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. نورۇز بايرىمىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر جامائىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نىلۇفەر ھاشىموۋا خانىم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى نورۇز بايرىمى بىلەن تەبرىكلەپ، «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا چاقىردى.

مەزكۇر مۇراسىمدا ئۇيغۇر بالىلار مىللىي ئۇسسۇللارنى ئورۇنداپ، ناخشىلارنى ئېيتىپ، مېھمانلارنىڭ ۋە يېزا تۇرغۇنلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئاچتى. چوڭلار ۋە ياشلار خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئۇسسۇللار ئويناشتى. بېلوۋودسكىي يېزىلىق ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى گۈلشات ئابلىز قىزى بۇ خىل مۇراسىملاردا ياشلار ئۆز ھۈنەر-ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ، كېلەچەكتە چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. 

كەڭبۇلۇڭ يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار جامائىتىنىڭ باشچىلىقىدا پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت خەلقى لەزەكەت ھاجىم ئاپىنىڭ قورۇسىدا نورۇز مەرىكىسى ئۆتكۈزدى. ئۇلار 20-مارت كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ خەتمە قۇرئان قىلىپ، سۈمەلەك پىشۇرۇشقا باشلىدى. سۈمەلەك نورۇزنىڭ دەسلەپكى بېشارىتى بولغانلىقىدىن بۇ تائام ئۈچۈن بۇغداينى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۈندۈرمە قىلىش كېرەك. سۈمەلەك بۇغدىيىغا مەسئۇل بولغان لەزەكەت ھاجىم بۇغداينى يۇيۇپ تازىلاپ، كۈنگە يېيىپ قورۇتۇپ، سۇ قۇيۇپ تۇرۇپ تۇرغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ 30 كىلو بۇغدايغا 90 كىلو ئۇن قوشۇپ، سۈمەلەك ئەتكەنلىكىنى ۋە ئەتراپتىكى 150 قورۇغا تارقاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

21-مارتتىكى نورۇز بايرىمى كۈنى يېزا جامائىتى تەنتەنىلىك مۇراسىمنى باشلىدى. ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر ئەيسا باھار بايرىمى تەنتەنىلىك ئۆتۈۋاتقان بىلسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن كۆڭۈللىرىنىڭ يېرىم بولۇۋاتقانلىقىنى ئىزھار قىلدى.

بېلوۋودسكىي يېزىسىنىڭ ئاياللىرىغا ئوخشاش، كەڭ بۇلۇڭ يېزىسىدىكى ئاياللار كېڭىشىمۇ ياش-گۆدەك بالىلار بىلەن بىللە «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتىگە قوشۇلۇشتى.

نورۇز مۇراسىمىغا قاتناشقان تۇرسۇنئاي ئىسلام خېنىم بۇ خىل پائالىيەتلەر ياشلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۆتۈرۈشتە ۋە شۇنداقلا ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇنتۇماسلىقىدا ۋە ئۇنى ساخلاپ قېلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، قىرغىزىستان ھۆكۈمەت ساناقلىرىدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 60 مىڭغا يېقىن دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇيغۇرلار ئاساسەن بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا، قاراقول، جەنۇبتىكى ئوش، قاراسۇ، جالالئاباد قاتارلىق چوڭ-كىچىك شەھەرلەرگە تارقالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.