ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى فابرىكىلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ھەققىدە قارار لايىھىسى تەييارلىغان
ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى ئەزالىرىدىن بىرى فرانك ۋولف، تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ ئۆزىنىڭ خىتايدىكى ئامېرىكا كارخانىلىرى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ھەققىدە بىر قارار لايىھىسى تەييارلىغانلىقىنى ۋە بۇنى يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا خىتاي ماللىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇ خىتايدىكى ئامېرىكا كارخانىلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئارقىلىق خىتاينى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە جازالىغىلى ھەم ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
ئۇ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە شتاتلارنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىغا باج كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. فرانك ۋولف، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە دۆلەت مەجىلىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان لاسا ۋە ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئېچىش پىكرىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن.