ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ھېيتنى خۇشال خۇرام ئۆتكۈزمەكتە

بۇ يىلقى قۇربان ھېيتى جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش قۇربان ھېيتىنى ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش كۈنىگە توغرىلاپ ياخشى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.10.28

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋىرگىنىئا، مەريلاند شتاتلىرى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە بىر-بىرىنىڭ ئۆيلىرىنى ھېيتلاپ، بىر-بىرىنى تەبرىكلەشتى. بولۇپمۇ، ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يەردە ھېيت كەيپىياتى يۇقىرى بولدى.

ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىر قانچە يىلدىن بۇيان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىنى تۈركلەر بىلەن بىرلىكتە ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشى ۋە قوللىشىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر بىلەن بىرلىكتە ھېيت پائالىيىتى قىلىش كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ يىلقى ھېيت نامىزىغىمۇ تەخمىنەن 150 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتنىشىپ تۈركلەر بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، تىلى ۋە مىللىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاش ھەم ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاشىنگتون ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي دەۋا مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.