ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى كامبودژانىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار ۋەقەسىدىكى ھەرىكىتىنى جازالايدىغان قانۇن لايىھىسى سۇندى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن دانا روراباكېر بىلەن ۋىللىئام دېلىخانت كامبودژانىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار ۋەقەسىدىكى ھەرىكىتىنى جازالايدىغان قانۇن لايىھىسى ھازىرلاپ، ئاۋام پالاتاسىغا سۇنغان.

قانۇن لايىھىسىدە ئامېرىكىنىڭ كامبودژادىن ئالىدىغان 300 مىليوندىن ئارتۇق قەرزىنى قىسقارتىش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنى توختىتىش، كامبودژانىڭ ئامېرىكىغا باجسىز يېمەك - ئىچمەك ئېكسپورت قىلىش ئىمتىيازىنى ئۇزارتماسلىق تەلەپ قىلىنغان.

كامبودژا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. كامبودژا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، خىتاي بىلەن 1 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق سودا توختىمى ئىمزالىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كامبودژانىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى قىلمىشىنى ئەيىبلەپ، كامبودژاغا 250 دانە ھەربىي ئاپتوموبىل ئىئانە قىلىشنى توختاتقان. ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي كامبودژاغا 257 دانە ھەربىي ئاپتوموبىل ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.