ئامېرىكا سېنكاكۇ ئارىلىنى قوغداشنى دۆلەت مۇداپىئە قانۇن لايىھىسىگە كىرگۈزدى
2013.01.04
ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھىسىدە سېنكاكۇ ئارىلىنى قوغداش، ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك ئەھدىنامىسىنىڭ 5-ماددىسىغا تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلگەن. ھەمدە قانۇن لايىھىسىدىكى ماددىلارغا ئاساسسەن ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قوللىنىشى قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى يېزىلغان. خەۋەردە يەنە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويۇشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا-ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىققا ئۈزلۈكسىز قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2012-يىلى 27-دېكابىر كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن بايانات بېرىپ، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ «2013-يىللىق مالىيە يىلى دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھىسى» دە جۇڭگوغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ «جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.