ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا دۆلەت مەجلىسىدىن ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى.


دوكلاتنى ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ۋە بىخەۋەرلىك كومىتېتى ئېلان قىلغان.

كومىتېتىنىڭ ئىلگىرى ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىركەتلەر ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئادالەتسىز رىقابەت مۇھىتى شەكىللەندۈرگەن.

كومىتېت يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا ئوخشاش ساھەگە مەبلەغ سېلىشىغا يول قويماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان.