پەنتاگاننىڭ تۈنۈگۈنكى يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىدىكى ئاشكارىلىق دەرىجىسىدە بەلگىلىك ئىلگىرىلەشلەر بولغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ تېخى يېتەرلىك دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا، ئەگەر ئاشكارىلىق تەلەپكە يەتمىسە، ئىككى تەرەپ ھەربىي ساھەسىدە ئۆز - ئارا ئۇقۇشماسلىق ۋە خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇرغان.
بۈگۈن تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىنىڭ باياناتچىسىمۇ سۆز قىلىپ، گەرچە ما يىڭجۇ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتىدىن تېخى يانمىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىدىن تەيۋەنگە F - 16 قاتارلىق ئىلغار تىپتىكى ھەربىي قوراللارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، تەيۋەننىڭ مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.