ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاي ۋە ياپونىيىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى

سېنكاكۇ مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاي ۋە ياپونىيىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ۋە مەسىلىنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلماسلىققا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.19


بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى.

كلىنتون خانىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا يەنە خىتايغا ۋاسىتىلىك ھالدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

كلىنتون خانىم مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى ئېيتقاندەك، ئامېرىكا ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە تەرەپ تۇرمايدۇ. بىز بۇ ئارالنىڭ ياپونىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز. بىز يەنە ياپونىيىنىڭ مەزكۇر ئارالغا قارىتا باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئورا كولايدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قارشى.

سېنكاكۇ مەسىلىسى يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشكەن ئىدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ يىلقى ياپونىيە سايلىمىدىن كېيىن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ياپونىيە ئەمەلدارى.

كلىنتون خانىم يىغىندا يەنە ياپونىيە باش ۋەزىرىنى كېلەر ئايدا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشقا ئوچۇق تەكلىپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.