تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 19-فېۋرال كۈنى 2-قېتىملىق ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى.
بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش»نامىدا ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇھىم بىر مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەكەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپلەردە، «كۆپ تىل بىلىش شەرەپ، ئانا تىلنى ئۇنتۇش نومۇس» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئانا تىلنى قوغداش تەشەببۇس قىلىندى. ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە، ئىلھام توختى ئەپەندى باشچىلىقىدا، ئانا تىلنى قوغداش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوكيان قاتارلىق تور بېكەتلىرى، ھەم خىتاي تىلىدىكى شىنلاڭ، تۇدۇ 56 كوم قاتارلىقلاردا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش تەشەببۇسلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ب د ت پەن-مەدەنىيەت ئورگىنى 2000 -يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» دەپ بېكىتكەندىن بۇيان، ھەر يىلى 21-فېۋرال كۈنى ئانا تىل بايرىمى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.