د ئۇ ق خىتاينىڭ باشئەگىم، ئالاتاۋ شەھەرلىرىنى قۇرۇش پىلانىنى تەنقىد قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ كورلا ۋە بورتالادا باشئەگىم، ئالاتاۋ شەھەرلىرىنى قۇرۇش قارارىنى تەنقىدلەپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق پايدىلىق ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.12.31

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ پىلان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ داۋاملىق ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قالمايدۇ. بۇ يەنە، ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىقنى كۆپەيتىپ، مۇھىتنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئىلگىرىلەپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاتاۋ ۋە باشئەگىمنى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر قىلىپ تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىنى تەستىقلىغان. باشئەگىم شەھىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى، ئالاتاۋ شەھىرىنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا ناھىيە دەرىجىلىك بىر شەھەرنىڭ نوپۇسى ئاز دېگەندە 200 مىڭدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. ئۇ، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان يەكەن، كۇچا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇشقا شەرتى توشسىمۇ، بىراق خىتاي باشئەگىم، ئالاتاۋغا ئوخشاش شەرتكە توشمايدىغان جايلارنى شەھەر قىلىپ قۇرۇشتا، خىتاي نوپۇسىنى بەخىرامان يۆتكەشنى ئاساسلىق ئۆلچەم قىلغان، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.