خىتايدىكى81 نەپەر ئەيدىز كېسەللىكى گرىپتارى دۆلەتنى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا سالامەتلىك ئۆلچىمىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

ئەيدىز كېسىلى گرىپتارى خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئەمگەك ئىدارىسى ۋە سەھىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلارغا مۇراجەتنامە يوللاپ، خىتايدا ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا سالامەتلىك ئۆلچىمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.11.30
1‏- دېكابىر كۈنى خەلقارالىق ئەيدىز كۈنىدۇر. بۇ كۈن ھارپىسىدا خىتايدىكى 81 نەپەر ئەيدىز كېسىلى گرىپتارى خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئەمگەك ئىدارىسى ۋە سەھىيە مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلارغا مۇراجەتنامە يوللاپ، خىتايدا ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا سالامەتلىك ئۆلچىمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار مۇراجەتنامىسىدە مەزكۇر ئۆلچەملىك، خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى 370مىڭ بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 68 مىڭدۇر. يەنە ئالاقىدار دوكىلاتلاردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بويىچە 5 ئۆلكە ۋە ئاپتونۇم رايوندا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدۇر. بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئەيدىز بىلەن ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئاز دېگەندە 10 مىڭدىن يۇقۇرى بولۇشى مۈمكىنلىكىنى مولچەرلىمەكتە. ئۇيغۇر رايونىدا ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ تارقىلىش ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى بولۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ سالامەتلىك ۋە بىخەتەرلىك ئەھۋالىغا قەستەن ياكى قەستسىز ھالدا بىپەرۋا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭمۇ نەتىجىسى دەپ قارالماقتا.  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ خەۋپىنى ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 1 ‏-دىكابىرنى ئەيدىز كۈنى قىلىپ بېكىتكەن ۋە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.