سۇ چېچىش بايرىمى كۈنى كامبودجادا كۆۋرۈك چۈشۈپ كېتىپ كۆپ ئادەم ئۆلۈش پاجىئەسى يۈز بەردى
2010.11.24
22-نويابىر كۈنى يەنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ سۇ چېچىش بايرىمىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كامبودجادا كۆۋرۈك چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 456 ئادەم ئۆلگەن ۋە 700 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ پاجىئە 2006- يىلى مەككىدە يۈز بەرگەن ھەج پائالىيىتىدىكى قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن 362 ئادەم ئۆلگەن ۋەقەدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئاممىۋى پائالىيەت جەريانىدا كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ھادىسىسى ھېسابلىنىدىكەن. كامبودجا ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى كامبودجادا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر تراگېدىيە دەپ ئېلان قىلىپ، 25- نويابىر كۈنىنى كامبودجادا دۆلەت بويىچە ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى دۆلەت بايرىقىنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
نۆۋەتتە بۇ قېتىملىق پاجىئە ھەققىدە خىلمۇ-خىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا ئىكەن. كامبودجانىڭ ھۆكۈمەت مەلۇماتلىرىدا دېيىلىشىچە، 22-نويابىر كۈنى كېچىدە تەخمىنەن 3 مىليوندەك كىشى پايتەخت پخنوم پېن شەھىرىگە ئوردا ئالدىدىكى دەريادا ئۆتكۈزۈلىدىغان قولۋاق مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە توپلانغان. مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا كىشىلەر ئارىسىدا ئارالغا تۇتۇشىدىغان چوڭ كۆۋرۈك مۇستەھكەم ئەمەسكەن دېگەن ئۆسەك سۆزنىڭ تارقىلىشى بىلەن ۋەھىمە پەيدا بولۇپ، كۆۋرۈكتە ئېغىر قىستاڭچىلىق يۈز بەرگەن. ھەتتا بەزىلەر ئۆزىنى كۆۋرۈك ئۈستىدىن دەرياغا ئېتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەمما، يەنە باشقا ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار كۆۋرۈك ئۈستىدىكى قىستاڭچىلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن، كىشىلەر توپىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ چاچقان. نەتىجىدە كىشىلەر ئارىسىدا پاراكەندىچىلىك يۈز بېرىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆز جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە قاچقان. ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى دەسسىلىپ ئۆلگەن ھەم قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن نەپسى بوغۇلۇپ ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ قېتىم ئۆلگەنلەر ئىچىدە ئاياللار نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا يەنە كامبودجاغا ساياھەت ئۈچۈن كەلگەن چەتئەللىكلەرمۇ بار ئىكەن.