خىتايدا كۆمۈر گازى پارتلاپ 17 ئىشچى ئۆلگەن

خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىر كۆمۈر كانىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 17 ئىشچى ئۆلگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.12.05

خەۋەر قىلىنىشىچە، ھادىسە شۇ جاي ۋاقتى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈننەن ئۆلكىسى فۇيۇەن ناھىيىسىدە كۆرۈلگەن.

خىتاي دۇنيا بويىچە كان گۈمۈرۈلۈش ۋە كۆمۈر گازى پارتلاش ھادىسىلىرى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان دۆلەت بولۇپ، پەقەت ئۆتكەن يىلى 1 مىڭ 973 ئادەم كان ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئىدى.

گەرچە دائىرىلەر كان بىخەتەرلىكىنى ياخشىلايدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، بۇ خىل ھادىسىلەر خىتاينىڭ ھەر جايلىرىدا دائىم دېگۈدەك يۈزى بېرىپ تۇرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.